جۇڭشىن تورى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى خەۋىرى،ئىتالىيە ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ئاخپارات ئاگىنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ،شۇ يەر ۋاقتى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى چۈش سائەت 12:30ئەتراپىدا ،ئىتالىيە رىم جۇڭگولۇقلار مەھەلە رايونى ۋېكتور باغچىسى ئەتراپىدىكى VIA CARLO ALBERTOئىتالىيە خەلىق بانكىسىنىڭ مەلۇم ئىش بىجىرىش ئورنىنىڭ پۇل توشۇش ماشىنىسى بۇلاڭچىلارنىڭ بۇلىشىغا ئۇچىرىغان ،بىر ئامانلىق قوغدۇغۇچى نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن .
كۆرگۈچىلەرنىڭ دېيىشىچە ،دىلو يۈز بەرگەن ۋاقىتتا ،بىر پۇل توشۇش ماشىنى بانكىنىڭ ئالدىدا توختىغان ،ئىككى ئامانلىق قوغدۇغۇچى بانكىدىن پۇل سېلىش ساندۇقىنى ئېلىپ ماشىنىغا چىقىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقاندا ئىككى بۇلاڭچى تىز سۈرئەتتە ئامانلىق قوغدۇغۇچىنىڭ يېنىغا كەلگەن ،بىر بۇلاڭچى پۇل سېلىش ساندۇقىنى تارتىۋالغان ،يەنە بىرسى ئۇدا بەش پاي ئوق چىقارغان ،بىر ئامانلىق قوغدۇغۇچى نەق مەيداندا قازا قىلغان ،يەنە بىر ئامانلىق قوغدۇغۇچى ئېغىر يارلانغان .بۇلاڭچىلار يىراققا قېچىپ كەتكەن .
ساقچى تەرەپ دىلو قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن نۇرغۇن تۈركۈمدىكى ساقچىلار ۋېكتور باغچىسىنىڭ ئەتراپىدىكى بارلىق كوچىلارنى قامال قىلىپ بۇلاڭچىلارنى قورشىغان ،مۇخبىرىمىز ماقالىنى ئېلان قىلغاندا ،ۋېكتور باغچىسى ئەتراپىدا يەنىلا نۇرغۇن ساقچىلار قورشاپ تۇغان بولۇپ ،دىلو داۋاملىق تەكشۈرۈشلۈش باسقۇچىدا تۇرغان .
نەچچە سىكۇنت ئىچىدىلا يانفون ياكى ماشىنىلارغا توك قاچىلاپ ب...
يېڭىدىن سايلانغان<<چولپان ئەزالار>>مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى ت...
نەچچە يۈز مىليۇن قىپيالىڭاچ ھىندى مۇرتلىرى گانگا دەرياسىدا ...
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ئ...
رىم جۇڭگولۇقلار مەھەلىسىدىكى پۇل توشۇش ماشىنىسى بۇلاڭچىلار...