شىنخۇا ئاگنېتلىقى قاھىرە 15- يانىۋار تېلگراممىى . مىسىر سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مۇنداق دىدى :"بىر دانە يېڭى ئەسكەرلەرنى سېلىپ ماڭغان ھەربىي پويىز 15- يانۋار پايتەخت قاھىرەگە كېتىپ بارغاندا ، رىلىستىن چىقىپ كېتىپ ، 17 ئادەم قازا قىلىپ ، 103 ئادەم يارلاندى .
مىسىر ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىدە ، بۇ پويىز ئەينى چاغدا قاھىرەگە ماڭغان بولۇپ ،سەپەر جەريانىدا جىسادىن ئۆتمەكچى بولغاندا رېلىستىن چىقىپ كەتكەن ، پويىزدىكى كۆپ قىسىمى يېڭى ئەسكەرلىككە ئېلىنغان ياشلار ئىكەن .
ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ، جىددى ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش قىسمى دەرھال نەق مەيدانغا قۇتقۇزۇش خادىملىرىنى ئەۋەتىپ ، يارلانغانلاردوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى ۋە قازا قىلغانلارنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى .
مسىرنىڭ يول قاتنىشىنىڭ ناچارلىقى ۋە ناچار ھەيدەش ئادىتى ، مىسىردىكى قاتناش ھادىسىلىرىنىڭ دائىم يۈز بېرىشىدىكى بىردىنبىر سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولۇپ ، مىسىر قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىش قېتىم سانى ئەڭ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ بىرى . ھەر يىلى 8000 ئادەم قاتناش ۋەقەسىدە قازا قىلىدۇ .
2012- يىلى 10- ئايدا ، بىر دانە ئەسكەرلەرنى توشۇپ كېتىۋاتقان ئاپتوموبىل سىناي يېرىم ئارىلىدا ئۆرۈلۈپ كېتىپ ، ئاز دىگەندىمۇ 21 ئەسكەر قازا قىلغان . يەنە شۇ يىلى 11- ئايدا ،بىر دانە پويىز بىلەن مەكتەپ ئاپتوبوسى بىلەن سوقۇلۇپ 50 ئادەم قازا قىلغان ، بۇنىڭ ئىچىدە 47 سى كىچىك بالا ئىدى .
نەچچە سىكۇنت ئىچىدىلا يانفون ياكى ماشىنىلارغا توك قاچىلاپ ب...
يېڭىدىن سايلانغان<<چولپان ئەزالار>>مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى ت...
نەچچە يۈز مىليۇن قىپيالىڭاچ ھىندى مۇرتلىرى گانگا دەرياسىدا ...
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ئ...
رىم جۇڭگولۇقلار مەھەلىسىدىكى پۇل توشۇش ماشىنىسى بۇلاڭچىلار...