يەرلىكنى كولاپ 10 ئايالنىڭ جەسىتىنى ئوغۇرلىغان 4 جىنايەتچىگە مۇددەتلىك قاماق جازاسى بىرىلگەن

62 2013-03-04 10:15:04   جۇڭشىن تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

   2013-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى، شىئەن ئۇچۇر تورى-شىئەن كەچلىك گېزىتى يەنئەن خەۋىرى: يەنئەندە بىر گوروھ ئاياللارنىڭ جەسىتىنى ئوغۇرلاپ يۇيۇپ تازلىغاندىن كېيىن جەسەتنىڭ دوختۇرخانىدىكى ئارخىپىنى ئۆزگەرتىپ، يۇقىرى باھادا شەنشى ئۆلكىسىدىكى ئەر ۋاپات بولغۇچىغا جۈپلەپ مەخپىي تۇيىنى قىلىپ قويغان. يېقىندا بۇ گوروھتىكى 4 نەپەر ئەزا يەنچۇەن ناھىيسىدىكى سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 2 يىل 4 ئايلىق ۋە 2 يىل 8 ئايلىق ئوخشاش بولمىغان مۇدەتلىك قاماق جازاسى بىرىش جازاسىغا ئۇچرىغان.

   بىر قىسىم جايلاردا كونا ئىدىيە ساقلانغان بولغاچقا، بىر قىسىم باي ئائىلىلەر قۇرامىغا توشمىغان باللىرى ئۈلۈپ كەتكەن چاغدا، ئۇلارنىڭ ئۆيدىكىلىرى ۋاپات بولغان باللىرىغا ئۆزىنىڭ ئامراقلىقىنى ئىپادىلەش ۋە بۇ ئالەمدە جۆرە تاللاپ بىرەلمىگەنلىكى، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ۋە يالغۇز بىر قەۋرە بۇلۇپ قالسا ئەۋلادلارنىڭ كۆپىيىپ گۈللىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ دېگەن كۆز كونا كۆز قاراشلار سەۋەبىدىن ئۆلۈپ قالغان باللىرى ئۈچۈن ۋاپات بولغان قىزنىڭ جەسىتىنى تېپىپ ئوغىلى بىلەن بىرلىكتە دەپنە قىلىدىكەن.

   چۈشەندۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، جىنايەتچى لوڭ فامىلىك، خې فامىلىك، بەي فامىلىك ۋە جاڭ فامىلىك تۆت كىشى دەل بۇ ئىشتىن پايدىلنىپ 2011-يىىل قىشتا، ئالدى-كەينى بۇلۇپ لوياڭ، سىچۇەن، خۇاڭلىڭ ھەم توڭچوۋ، ياۋجوۋ، شىيەنياڭ سەنيۈەن ناھىيەسى، ۋېينەندالىجى قاتارلىق جايلاردا قېچىپ يۈرۈپ يەرلىك كولاپ ئاياللارنىڭ جەسىتىنى ئوغۇرلىغان، كېچىدە ئۆيىگە ئاپىرىپ يۇشۇرۇپ قويغان. بۇ تۆت جىنايەتچ جەمىئي 10 ئايالنىڭ جەسىتىنى ئوغۇرلىغان بۇلۇپ، 240 مىڭ يۈەنگە ساتقان.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博