رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىۋور كوۋىج 25-فېۋرال بېيجىڭدا جۇڭگو-رۇسىيە ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى كومىتېتى رەئىسلەر يىغىنىغا قاتناشقاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: <<رۇسىيە نېفىت شىركىتى جۇڭگو-رۇسىيە شېرىكچىلىكىدىكى تيەنجىن نېفىت ئايرىش زاۋۇتى تۈرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، جۇڭگونى ھەر يىلى نورمىدىن سىرىت 9 مىليون توننىدىن كۆپرەك نېفىت بىلەن تەمىنلىشى مۇمكىن. ھازىرچە ئېنىق سان تېخى بېكىتىلمىدى، بىراق تيەنجىن نېفىت ئايرىش زاۋۇتى تۈرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، قانداق بولۇشتىن قەتئىينەزەر، نېفىت بىلەن يېتەرلىك دەرىجىدە تەمىنلەيمىز>>.
بۇلتۇر <<شەرق نېفىت جىمىيەسى>> شېرىك كارخانا رامكىسى (رۇسىيە نېفىت شىركىتى %49 پاينى، خۇڭگو %51 پاينى ئىگىلەيدۇ) تيەنجىن نېفىت ئايرىش زاۋۇتى قۇرۇش مۇمكىنچىلىكىنى تەتقىق قىلىش كېلىشىمى ئىمزالىغانىدى. بۇ نېفىت ئايرىش زاۋۇتىنىڭ يىللىق نېفىت ئايرىش ئىقتىدارىنى 13 مىليون توننىغا يەتكۈزۈش، بۇنىڭ ئىچىدە 9 مىليون توننا خام ئەشيانى رۇسىيەدىن كىرگۈزۈش بېكىتىلگەن. نېفىت رۇسىيەنىڭ ماي پاراخوتى بىلەن تيەنجىن پورتىغا ئېلىپ كىلىنگەندىن كېيىن، ئۇزۇنلىقى 42 كىلومېتىر كېلىدىغان تۇربا ئارقىلىق نېفىت ئايرىش زاۋۇتىغا يەتكۈزىلمەكچى بولغان. نىشانلانغان بازار جۇڭگونىڭ شىمالىي ۋە ئوتتۇرا قىسمىدىكى ناھىيەلەر بىلەن شەرقىدىكى دېڭىز بويى رايونلىرى ئىدى، بۇ تۈرگە 5 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىش پىلانلانغان.توختامغا ئاساسەن، رۇسىيە نېفىت شىركىتى شەرقىي سىبىرىيە-تىنىچ ئوكيان نېفىت تۇربىسى ئارقىلىق، جۇڭگوغا ھەر يىلى 15 مىليون توننا نېفىت ئېكىسپورت قىلىدۇ.
نەچچە سىكۇنت ئىچىدىلا يانفون ياكى ماشىنىلارغا توك قاچىلاپ ب...
يېڭىدىن سايلانغان<<چولپان ئەزالار>>مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى ت...
نەچچە يۈز مىليۇن قىپيالىڭاچ ھىندى مۇرتلىرى گانگا دەرياسىدا ...
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ئ...
رىم جۇڭگولۇقلار مەھەلىسىدىكى پۇل توشۇش ماشىنىسى بۇلاڭچىلار...