شۋېتسىيە مەلىكىسى ۋىدولىيەنىڭ سىڭلىسى مادېلىنا خۇددى بابى قورچاقتەك چىرايلىق ۋە ئوماق بولۇپ،شۋېتسىيە خان جەمەتىنىڭ ئۈچىنچى ئىز باسارى ھېسابلىنىدۇ.ئۇنىڭ «شۋېتسىيە ھەتتا ياۋرۇپادىكى ئەڭ گۈزەل مەلىكە »دېگەن نامى بار.ئۇنىڭ كەلگۈسىدە 16مىليون500مىڭ ياۋرۇ مىراسقا ۋارىسلىق قىلالايدۇ.ئۇ ھازىر 28ياش.ئېنگىلىزتىلى،گېرمان تىلى ،فىرانسۇز تىلى ۋە شۋېتسىيە تىلى قاتارلىق تىللارنى بىلىدۇ.ئۇ ئادەتتە بوش ۋاقىتلىرىدا خەير-ساخاۋەت پائالىيەتلىرى ۋە ئات بەيگىلىرىگە قاتنىشىدۇ. ھازىر ستوكھولم ئونىۋېرستېتىدا ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتىدۇ.ئۇ ئەسلىدە بۇلتۇر 30ياشلىق ئادۋۇكات بېلىستلون بىلەن توي قىلىشقا پۈتۈشكەن.نەتىجىدە ئۇنىڭ بولغۇسى ئېرى ئۇنىڭ ئىككى قېيىققا تەڭ دەسسىگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان .شۇنىڭ بىلەن مۇھەببەتلەشكىنىگە سەككىز يىل بولغان ئاشق-مەشۇقلار توينى بىكار قىلغان.
تايلاند مەلىكىسى سرۈيفەننا بۇ يىل 24ياشقا كىرگەن بولۇپ،كىيىم -كېچەك لاھىيلەش جەھەتتە ئالاھىدە تالانتى بار .ئۇنىڭ ئىجادىيەتلىرى پارىژ كۆرگەزمىلىرىگە تاللانغان.يەنە كېلىپ ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ پۇلدار خان جەمەتى ئەزاسى ھېسابلىنىدۇ.
موناكا مەلىكىسى شارلوت 1986-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ ،ئون نەچچە مىليارد مىراسقا ئىگە.
بىلگىيە شاھزادىسى ئامىدىيو ئەنگىلىيىدە ھەربىي ئىشلار ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن،شۇنداقلا يەنە لوندون ئىقتىساد ئىنىستىتۇتىنى غەلبىلىك پۈتتۈرگەن.ھازىر نيۇ-يوركتىكى مەلۇم بىر بوغالتىرلىق ئورنىدا ئىشلەۋاتىدۇ.ئۆزى باشقىلارغا ئىشلەپ پۇل تاپىدىغان شاھزادىلەر كۆپ ئەمەس ئەلۋەتتە.ئۇ ئادەتتە چېنىقىشنى ياخشى كۆرىدۇ.2008-يىلى نيۇ-يوركتا مارافونچە يۈگۈرۈشنى تاماملىغان.
شۋېتسىيە شاھزادىسى فىلىپ ئىككىنچى ئورۇندىكى ئىز باسار ھېسابلىنىدۇ.ئۇ قارىماققا ھوللىۋودنىڭ كىنو چولپىنىغا ئوخشايدۇ.ئۇ قار تېيلىش ۋە مۇسابىقە ماشىنىسى ھەيدەشنى ياخشى كۆرىدۇ.
موناكا شاھزادىسى كاشىلاجى 1984-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ،ئۇنىڭ«دۇنيادىكى ئەڭ قاملاشقان شاھزادە »دېگەن نامى بار.شارلوت مەلىكە ئۇنىڭ سىڭلىسى.بۇ كېلىشكەن شاھزادە ئىنتايىن ئاقكۆڭۈل بولۇپ،خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى ۋە بالىلارغا بەك كۆڭۈل بۆلىدۇ.
ئەنگىلىيە شاھزادىسى ھاررى بۇيىل 26ياشقا كىرگەن بولۇپ،ئۇ قىز دوستى چېرشى بىلەن ئايرىلىپ-يارىشىپ تۇرىۋاتىدۇ.باشقىلار ئۇنىڭ دائىم كېچىلىك سورۇنلارغا كىرىپ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن .