شياڭگاڭ ـــ قەشقەر ھاۋا لىنىيەسىدە رەسمىي قاتناش باشلاندى

4254 2012-04-24 12:04:42   تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

 

4-ئاينىڭ 21-كۈنى شىنجاڭ ۋاقتى سائەت 5:20 مىنۇت ئۆتكەندە ، 110 يولوچى سىغىدىغان ، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىركىتى ئۇچۇشنى ئىجرا قىلىۋاتقان نۆۋەتچى ئايروپىلان ئالتە سائەت 45 مىنۇتلۇق مۇساپىنى تاماملاپ قەشقەر خەلقئارا ئايرودۇرومىغا ئوڭۇشلۇق قوندى . بۇ شياڭگاڭ بىلەن قەشقەر ئوتتۇرىسىدا بىۋاستە قاتنايدىغان ھاۋا لىنىيەسىدە تۇنجى قېتىملىق ئۇچۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

 

قەشقەردىن شياڭگاڭغا بىۋاسىتە قاتنايدىغان ھاۋا لىنىيەسىنىڭ ئېچىلىشى قەشقەر شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ گوۋۇيۈەننىڭ قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشقانلىقىنىڭ نامايەندىسى بولۇپلا قالماي ، يەنە قەشقەر ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونىدا ‹‹5-ئەۋلاد يېڭى شەھەر›› قۇرۇشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك تەرەققىيات پىلانىنى زور كۈچ بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى . بۇ ھاۋا لىنىيەسىنىڭ ئېچىلىشىنىڭ ئەھمىيىتى شۇكى ، قەشقەرنى جۇڭگونىڭ غەربىي رايوندىكى ئېچىۋېتىلگەن كۆزنەككە ئايلاندۇرۇپ ، خەلقئارا ھاۋا قاتنىشى تۈگۈنى بولۇشتەك ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ، ئوتتۇرا ئاسىيا ، ئوتتۇرا شەرق ، ھەتتا ياۋروپالار بىلەن ئىقتىسادىي ئالاقە قىلىپ ، قەشقەر ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونىنى خەلقئارالاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىشتىن ئىبارەت.

قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى چېڭ جېنشەن مۇنداق دېدى : قەشقەر ئىچكى قۇرۇقلۇقتىكى تۇنجى دۆلەت دەرىجىلىك ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون ، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ قەدىمىي يىپەك يولىدىكى مۇھىم بازار . بىز ئالدى بىلەن قەشقەرنىڭ دۇنيا بىلەن ئالاقە قىلىشىدىكى مۇھىم ھاۋا لىنىيەسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىپ ، ‹‹بوشلۇقتىكى يىپەك يولى››نى بەرپا قىلدۇق.

بۇ قېتىمقى شياڭگاڭ - قەشقەر ھاۋا لىنيەسىدە تۇنجى قېتىملىق ئۇچۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى 2010-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى قەشقەر شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتىسيەسى پاي چەكلىك شىركىتى ئىمزالىغان ‹‹شياڭگاڭ — قەشقەر ھاۋا لىنىيەسى ھۆددە ئايروپىلانى تۇنجى ئۇچۇش پىلانى ئىستراتېگىيلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ›› نىڭ تۇنجى نەتىجىسى ئىدى . ئىگىلىنىشىچە ، كەلگۈسىدە يەنە شىنجاڭنىڭ كۆپلىگەن شەھەرلىرى ئارا يەنە يېڭى ھاۋا لىنىيەلىرى ئېچىلىدىكەن . قەشقەرنى جەنۇب بىلەن شىمال ئۆزئارا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان ، شەرق بىلەن غەربنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان خەلقئارالىق مەركەزگە ئايلاندۇرۇپ ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى دۇنياغا تونۇشتۇرۇش قەدىمى تېزلىتىلىدىكەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博