شىنجاڭدا سۇلۇ يەر باغچىسىدىن يەنە بەشى كۆپەيدى

242 2013-02-26 10:30:29   تەڭرىتاغ تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

       

    ئىگىلىشىچە ، يېقىندا ، شىنجاڭدا دۆلەت دەرىجىلىك سۇلۇ يەر باغچىسىدىن يەنە بەشى كۆپەيتىلىدىكەن ؛ بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭدىكى دۆلەت دەرىجىلىك سۇلۇ يەر باغچىسىنىڭ سانى 16 گە يېتىدىكەن . دۆلەتلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى ئېلان قىلغان 2012-يىلى تەستىقلانغان دۆلەت دەرىجىلىك سۇلۇ يەر باغچىلىرىنىڭ تىزىملىكى ئىچىدە ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىلى نارات يايلىقى دۆلەتلىك سۇلۇ يەر باغچىسى ، تارباغاتاي ۋۇيۈەنخې سۇلۇ يەر باغچىسى ، ساۋەن مىڭبۇلاق كۆلى دۆلەت دەرىجىلىك سۇلۇ يەر باغچىسى ، پوسكام زەرەپشان دەرياسى دۆلەتلىك سۇلۇ يەر باغچىسى ۋە دۆربىلىجىن دەرياسى دۆلەت دەرىجىلىك سۇلۇ يەر باغچىسى بار بولۇپ ، بۇ ، قۇرۇلۇش ئالدىدا تۇرغان بەش سۇلۇ يەر باغچىسىنىڭمۇ رەسمىي ھالدا دۆلەت دەرىجىلىك سۇلۇ يەر باغچىسى قىلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن . 

    تونۇشتۇرۇلۇشىچە ، بۇ قېتىملىق دۆلەتلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۆلكە ، ئاپتونوم رايون ، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك سۇلۇ يەر باغچا قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسىسلەر گورۇپپىسىنىڭ ئەمەلىي تەكشۈرۈپ باھالىشى ، كوللېكتىپ باھالاپ ، تەكشۈرۈشى ۋە ئېلان قىلىشى نەتىجىسىدە ، مەملىكەت بويىچە 85 ئورۇندا دۆلەت دەرىجىلىك سۇلۇ يەر باغچىسى تەسىسىس قىلىنغان .

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博