شىنخۇا تورى ئۈرۈمچى 2-ئاينىڭ21-كۈنى تېلگىراممىسى:شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ2013-يىللىق مەدەنىيەت-سەنئەت ئىقتىساسلىق خادىملارنى نوقتىلىق تەربىلەش پىلانى20-چىسلا رەسمى باشلاندى.پىلانغا ئاساسلانغاندا،بۇ يىل گۈزەل -سەنئەتتىن ئىمتىھان بىرىپ ھەرخىل كەسپى ئىمتىھانلاردىن لاياقەتلىك بولۇپ تاللانغان 100نەپەر ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپتە ھەقسىز ئوقۇتىلىدىكەن.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاڭ جىيەن رېننىڭ تۇنۇشتۇرىچە،بۇ يىل مەركىزى مۇزىكا ئىنىستىتوتى،جوڭگۇ ئاخبارات ئىنىستىتوتى قاتارلىق 18داڭلىق مەكتەپ رادىئو تېلۋىزىيەسى ۋە دىكتورلۇق ،رەسساملىق،مۇزىكا،ئاۋاز ئارتىسىلىقى قاتارلىق 20نەچچە خىل كەسىپ بۇيىچە ، شىنجاڭ ئۈچۈن 100نەپەر مەدەنىيەت-سەنئەت ئىقتىساسلىق خادىمنى نوقتىلىق ھالدا ھەقسىز تەربىيلەپ بىرىدىكەن.
بۇ قېتىمقى نوقتىلىق تەربىلەشنىڭ ئوبىيكىتىلىرى پۈتكۈل شىنجاڭدىكى ئادەتتىكى تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپىنى پۈتتۈرۈش سالاھىتى بولغان ھەرمىللەت ئوقۇغۇچىلىرى .ئىمتىھان بىرىدىغان ئوقۇغۇچىلار چۇقۇم 2013-يىلى 3-ئاينىڭ20-كۈندىن بۇرۇن ئالى مەكتەپكە ئىمتىھان بىرىش تىزىملىتىش ئورنىغا ئالدىنئالا تىزىمغا ئالدۇرىشى،ھەمدە 3-ئاينىڭ28-كۈنىدىن -29كۈنىگىچە شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتىغا بېرىپ نەق مەيداندا تىزىمغا ئالدۇرىشى كىرەك.كەسپى سەۋىيە سىناش ئىمتىھان ۋاقتى 3-ئاينىڭ30-كۈنىدىن 4-ئايىنىڭ2-كۈنىگىچە.ئىمتىھان بىرىدىغان ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش تورىغا (新疆招生网)چېقسا تەپسىلى ئەھۋاللارنى كۆرەلەيدۇ.
ئىگەللىنىشىچە،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى مەدەنىيەت-سەنئەت ئىقتىساسلىق خادىملىرىنى نوقتىلىق تەربىيلەش پىلانى 2010-يىلدىن باشلاپ يولغا قۇيۇلغان بۇلۇپ،ھازىرغىچە جەمئى 378نەپەر ئىقتىساسلىق خادىم تەربىيلەپ چىقتى.ئىقتىساسلىق خادىملارنى نوقتىلىق تەربىلەش ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ 4يىل ئالى مەكتەپ ھاياتىدىكى ئوقۇش پۇلى ۋە ياتاق پۇلىنى دۆلەت بىر تۇتاش كۈتىرىدىغان بۇلۇپ،ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن توختام بۇيىچە چۇقۇم شىنجاڭغا قايتىپ كىلىپ خىزمەت قىلىشى كىرەك.
نەچچە سىكۇنت ئىچىدىلا يانفون ياكى ماشىنىلارغا توك قاچىلاپ ب...
يېڭىدىن سايلانغان<<چولپان ئەزالار>>مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى ت...
نەچچە يۈز مىليۇن قىپيالىڭاچ ھىندى مۇرتلىرى گانگا دەرياسىدا ...
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ئ...
رىم جۇڭگولۇقلار مەھەلىسىدىكى پۇل توشۇش ماشىنىسى بۇلاڭچىلار...