ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ داۋالاش، دورا، ساقلىق ساقلاش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى يېتەكچى ھۆججەت.
لايىھەدە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2015 – يىلىغىچە، ئاساسىي داۋالاش، دورا، ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتى تېخىمۇ ئادىيلاشتۇرۇلىدۇ، مۇلازىمەت سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلىدۇ؛ ساقلىق ساقلاش ئومۇمىي خىراجىتىنىڭ ئۆسۈشى مۇۋاپىق تىزگىنلىنىدۇ، ھۆكۈمەت ساقلىق ساقلاش سېلىنمىسىنىڭ ئېشىش نىسبىتى دائىملىق مالىيە چىقىمىنىڭ ئېشىش نىسبىتىدىن يۇقىرى بولىدۇ، ھۆكۈمەت ساقلىق ساقلاش سېلىنمىسىنىڭ دائىملىق مالىيە چىقىمىدا ئىگىلەيدىغان نىسبىتى تەدرىجىي ئۆستۈرۈلۈپ، ئاممىنىڭ يۈكى يېنىكلىتىلىدۇ. شەخسىيلەر ساقلىق ساقلاش چىقىمىنىڭ ساقلىق ساقلاش خىراجىتىدە ئىگىلەيدىغان نىسبىتى يىلدىن – يىلغا تۆۋەنلىتىلىدۇ، 2015 – يىلى %25تىن تۆۋەنگە چۈشۈرۈلۈپ، كېسەل كۆرسىتىش قىيىن، قىممەت بولۇش مەسىلىسى ئۈنۈملۈك يەڭگىللىتىلىدۇ. كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كۆزلىمە ئۆمرى 72 ياشقا يەتكۈزۈلىدۇ، بوۋاقلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى ‰22گە، ھامىلىدار – تۇغۇتلۇقلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى ئون مىڭدە 39غا چۈشۈرۈلىدۇ.
لايىھەدە ئومۇمىي خەلق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى باھا سىستېمسىنى مۈكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئاساسلىق دورا تۈزۈلمىسى ۋە ئاساسىي قاتلام داۋالاش، ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىجرا قىلىش يېڭى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىسى ئىسلاھاتىنى ئاكتىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالاقىدار ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈشتىن تارتىپ كۈچلۈك ئەمەلىيەتچانلىققا ئىگە كاپالەت مېخانىزمىنى يولغا قويۇش قاتارلىق جەھەتلەردە كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدىكى داۋالاش، دورا، ساقلىق ساقلاش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدىكى مۇھىم نۇقتا ۋە مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئايدىڭلاشتۇردى.
لايىھەدە مۇنۇلار ئەسكەرتىلدى: ‹‹12 – بەش يىل››دا داۋالاش، دورا، ساقلىق ساقلاش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى مۇساپىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، ھەممەيلەننىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئارقىلىق، ئاساسىي داۋالىنىش، ساقلىق ساقلاش تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي داۋالىنىش كاپالىتىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان كۆپ قاتلاملىق داۋالىنىش كاپالەت تۈزۈلمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بېرىم تۈزۈمى ئىسلاھاتى قاتارلىقلار ئارقىلىق كاپالەت ئىقتىدارى ۋە باشقۇرۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلىدۇ؛ ئاساسلىق دورا تۈزۈلمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام داۋالىنىش، ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىنى ئىجرا قىلىش يېڭى مېخانىزمىدا ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، ئاساسىي داۋالىنىش ۋە ئاممىۋى ساقلىق ساقلاش مۇلازىمەت ئىقتىدارى ماس قەدەمدە كۈچەيتىلىدۇ؛ ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ئىسلاھاتىدا باسقۇچ خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، شەھەرلەردىكى ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىدا ئىسلاھات تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلىدۇ؛ سەھىيە بايلىقىنى تەقسىملەش ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇلۇپ، جامائەت كۈچىگە تايىنىپ دوختۇرخانا قۇرۇش ئاكتىپ ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ؛ ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنى ئاساس قىلغان ئىختىساسلىقلار قوشۇن قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، ئاساسىي قاتلامدا ئىختىساسلىقلار كەمچىل بولۇش مەسىلىسى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنىدۇ، جۇڭگو تېبابىتى دورىسى(مىللىي تېبابەت دورىلىرى)نىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارى يەنىمۇ كۈچەيتىلىدۇ؛ دورىلارنىڭ بىخەتەرلىك سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلۈپ، دورا ئىشلەپچىقىرىش تەرتىپى بارغانسېرى كۆلەملىشىپ، دورا باھاسى تۈزۈلمىسى قەدەممۇ قەدەم مۇۋاپىقلاشتۇرۇلىدۇ؛ داۋالاش – ساقلىق ساقلاش ئۇچۇرلاشتۇرۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلۈپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، دورا تازىلىقىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ، ئاساسىي قاتلامدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان ئاساسىي داۋالاش – ساقلىق ساقلاش تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىنىپ، ھەممە كىشىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش، ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا پۇختا ئاساس سېلىنىدۇ.
نەچچە سىكۇنت ئىچىدىلا يانفون ياكى ماشىنىلارغا توك قاچىلاپ ب...
يېڭىدىن سايلانغان<<چولپان ئەزالار>>مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى ت...
نەچچە يۈز مىليۇن قىپيالىڭاچ ھىندى مۇرتلىرى گانگا دەرياسىدا ...
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ئ...
رىم جۇڭگولۇقلار مەھەلىسىدىكى پۇل توشۇش ماشىنىسى بۇلاڭچىلار...