4-ئاينىڭ18-كۈنىدىكى ئۇچۇر، چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋرى، ئالما 7.85 سۇڭلۇق iPad Mini تاختا كومپىيوتىرىغا فۇشىكاڭ ۋە خېشونى ۋاكالەتەن ئىشلەپچىقىرىشقا تاللىغان بولۇپ، بۇ مەھسۇلات بۇيىل ئۈچىنچى پەسىلدە بازارغا سېلىنىدىكەن ، باھاسى 249دوللاردىن 299دوللارغىچە بولىدىكەن .
بىلىشىمىزچە ، ئالما iPad Miniنى بۇيىل ئۈچىنچى پەسىلدە بازارغا سېلىشنى بېكىتكەن بولۇپ ، بۇيىللىق سېتىلىش مىقدارنىڭ 60مىليون دانە بولىشى مۆلچەرلەنگەن، ھازىر فۇشىكاڭ بىلەن خېشۇ زاكاسنى تاپشۇرىۋالغان .
بۇنىڭدىن باشقا ، Androidتاختا كومپىيوتېرلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، ئالماiPad Miniنى 249دىن299دوللارغىچە بولغان تۆۋەن باھادا سېتىش ئارقىلىق بازار ئۈلىشىنى يۇقىرى ئۆستۈرمەكچى بولغان . لېكىن تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە ، ئەگەر ئالما تۆۋەن باھادا iPad Miniنى بازارغا سالسا، ئەڭ چوڭ تەسىرگە ئۇچرايدىغىنى 60پىرسەنتتىن ئارتۇق بازار ئۈلىشىنى ئىگىلىگەن iPad بولىدىكەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چوڭ كىچىكلىكى يېقىنلىشىدىغان iPhone غىمۇ تەسىرى بولىدىكەن.
نەچچە سىكۇنت ئىچىدىلا يانفون ياكى ماشىنىلارغا توك قاچىلاپ ب...
يېڭىدىن سايلانغان<<چولپان ئەزالار>>مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى ت...
نەچچە يۈز مىليۇن قىپيالىڭاچ ھىندى مۇرتلىرى گانگا دەرياسىدا ...
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ئ...
رىم جۇڭگولۇقلار مەھەلىسىدىكى پۇل توشۇش ماشىنىسى بۇلاڭچىلار...