چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان قازاقىستان تەنھەركەتچىلىرىدىن دۆلەت شېئىرى ئوقۇش ئىمتاھانى ئېلىپ بېرىلىدىكەن ، ئۇلار ئۈچۈن ئېيتقاندا ، تەنھەركەتچىلەرنىڭ دۆلەت شېئىرىنى توغرا ئوقۇيالىشى ئالتۇن مېدال ئالغاندىنمۇ بەكرەك خەلقنى قانائەتلەندۈرىدۇ .
خەۋەردە دېيىلىشىچە ، ئۆتكەن بىر يىلدىن بۇيان ، قازاقىستان تەنھەركەتچىلىرى كۆپ قېتىم تەنتەربىيە مەيدەنلىرىدا دۆلەت شېئىرى سەۋەپلىك كۈلكىگە قالدى . ئەڭ ئوڭايسىز ئەھۋال بۇيىل 3-ئايدىكى كۇۋەيت قارغا ئېتىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە يۈز بەردى ، قازاقىستاننىڭ بىر ئايال ماھىرى ئالتۇن مېدال ئالغان . دۆلەت بايرىقى چىقىرىلىپ دۆلەت شېئىرى ئورۇندىلىدىغان باسقۇچتا ، باشقۇرغۇچى ئورۇن قويغان مۇزىكا ھەقىقى قازاقىستان دۆلەت شېئىرى ئەمەس ، بەلكى بىر كومىدىيە ئارتىسى ئورۇنلىغان ئىنگلىزچە ناخشا بولۇپ ، ناخشىنىڭ مەزمۇنى بولسا قازاقىستاندىكى پاھىشىلارنى تازىلاشقا مۇناسىۋەتلىك . بۇ ئىش دەرھال قازاقىستاندا غۇل-غۇلا قوزغىغان . ئەينى ۋاقىتتا كۇۋەيت دائىرىلىرى بۇ ئىشقا ناماقۇللۇق بىلدۈرگەن ، لېكىن قازاقىستان يەنىلا قارغا ئېتىش ئەترىتىنىڭ تېرنىرىنىڭ توغرا دۆلەت شېئىرىنى تەييارلاپ قويمىغانلىقىنى قاتتىق ئەيىپلىگەن . نۆۋەتتە قازاقىستان دائىرلىرى بۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋالنىڭ يەنە يۈز بېرىشىگە چىداپ تۇرالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى .
شۇنىڭ ئۈچۈن ، بۇ دۆلەتنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل كىشى مۇنداق دېدى : ‹‹ مەن ھەممە ئادەمنىڭ قازاقچىنى چۈشىنىشنىڭ ناتايىن ئىكەنلىكىنى بىلىمەن ، لىكىن ھېچبولمىغاندا دۆلەت شېئىرى ئوقۇشنى بىلىش كېرەك . ھەربىر تەنھەركەتچىدىن ئىمتاھان ئېلىنىدۇ . ››
ئىگىلىنىشچە ، قازاقىستان بىر كۆپ مىللەتلىك دۆلەت ، كۆپ قىسىم تەنھەركەتچىلەر رۇس مىللىتىدىن بولۇپ ، ئۇلار قازاقچىنى بىلمەيدۇ .
نەچچە سىكۇنت ئىچىدىلا يانفون ياكى ماشىنىلارغا توك قاچىلاپ ب...
يېڭىدىن سايلانغان<<چولپان ئەزالار>>مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى ت...
نەچچە يۈز مىليۇن قىپيالىڭاچ ھىندى مۇرتلىرى گانگا دەرياسىدا ...
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ئ...
رىم جۇڭگولۇقلار مەھەلىسىدىكى پۇل توشۇش ماشىنىسى بۇلاڭچىلار...