دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى روھىي ساغلاملىق سېلىنمىسىنى كۆپەيتىشنى مۇراجىئەت قىلدى

0 2011-10-11 11:06:26   شىنخۇا ئاگېنتلىقى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
     10-ئۆكتەبىر دۇنيا روھىي ساغلاملىق كۈنى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 7-ئۆكتەبىر ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ روھىي ساغلاملىققا بولغان مالىيە كۈچى ۋە ئادەم كۈچى سېلىنمىسىنى كۆپەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى روھىي ساغلاملىق مەسىلىسىنىڭ كاشىلىسىدىن قۇتۇلدۇرۇشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
   دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مۇنداق دېدى: يەر شارى بويىچە ھەر 4 ئادەمنىڭ ئىچىدە بىرسى روھى داۋالىنىشقا مۇھتاج،لېكىن كۆپ سانلىق دۆلەتلەرنىڭ روھى ساغلاملىق جەھەتتىكى ئادەم كۈچى ۋە مالىيە سېلىنمىسى بەكمۇ يېتەرسىز.ئوتتۇرا تۆۋەن كىرىملىك دۆلەتلەرنىڭ روھى ساغلاملىق جەھەتتىكى سېلىنمىسى پۈتكۈل سەھىيە ئىشلىرى سېلىنمىسىنىڭ ئاران 2 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ.
   دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يەر شارىدا ھەر بىر ئادەمگە يىلىغا روھىي ساغلاملىق جەھەتتە سېلىنىدىغان مەبلەغ ئوتتۇرىچە ئۈچ ئامېرىكا دوللىرىغا يەتمەيدۇ، كىرىمى تۆۋەن دۆلەتلەردە بۇ سان 0.25 ئامېرىكا دوللىرىلا كېلىدۇ.ئوتتۇرا تۆۋەن كىرىملىك دۆلەتلەردىكى روھى توسالغۇغا ئۈچرىغان بىمارلار ئىچىدە تۆتتىن ئۈچ قىسمىدىن يۇقىرىسى ھەر قانداق داۋالاشقا ۋە كۈتۈنۈشكە ئېرىشەلمەيۋاتىدۇ.يەر شارىدىكى كۆپ قىسىم ئوتتۇرا تۆۋەن كىرىملىك دۆلەتلەردە ھەر مىليۇن كىشىگە پەقەت بىر نەپەرلا روھى ساغلاملىق مۇتەخەسىسى توغرا كېلىدۇ.
    دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى روھىي ساغلاملىق مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى سېكار ساكسىنا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مەبلەغ يۆنىلىشىنى تەڭشەپ، روھىي ساغلاملىققا ئىشلىتىلىدىغان چەكلىك مەبلەغنى تېخىمۇ مۇۋاپىق، تېخىمۇ ئەمەلىي تەقسىملىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
    دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 2008-يىلىلا روھى ساغلاملىق جەھەتتە داۋالاش ۋە كۈتۈش ھەرىكىتى لاھىيىسىنى تارقاتقان ئىدى.بۇ تەشكىلات بەزى تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەر روھى ساغلاملىق جەھەتتە داۋالاش ۋە كۈتۈش خىزمىتىدە پائال ئىلگىرلەشلەرنى قولغا كەلتۇرگەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى.مەسلەن، ئېفىئوپىيە ۋە نېگېرىيە قاتارلىق ئىككى دۆلەت بۇ جەھەتتە داۋالاش خادىملىرىنى تەربىيەلەش خىزمىتىنى كۈچەيتكەن،جۇڭگۇ تۇتقاقلىق كېسلىنى كونترول قىلىشنى ساغلاملىق كاپالەت تۈزۈلمىسىگە كىرگۈزگەن.
    دۇنيا روھىي ساغلاملىق كۈنى-ئاممىنىڭ روھىي ساغلاملىق مەسىلىسىگە بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ، بۇ يىللىق دۇنيا روھىي ساغلاملىق كۈنىنىڭ باش تېمىسى-روھىي ساغلاملىققا مەبلەغ سېلىش بولدى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博