تايلانىدتىكى كەلكۈن ئاپىتى 253 كىشىنىڭ بىشىغا چىقتى

0 2011-10-10 10:21:46   جۇڭشىن تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

تايلاندتىكى قەدىمى ئىبادەتخانا سۇ ئاستىدا قالدى. شەھەردە خان ئوردىسى ۋە ئىبادەتخانا قاتارلىق ئاسارە- ئەتىقىلەر بار ئىدى، 1991-يىلى « دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكىگە» كىرگۈزۈلگەن.
شىنخۇا تورى باڭكوك 10-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى تىلگىراممىسى(مۇخبىر لى لى) تايلانىدنىڭ ئىچكى قىسىم ھاكىمىيتى ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتنىڭ زىينىنى ئازايتىش نازارىتى 8-چىسلا ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت داۋاملاشقان كەلكۈن ئاپىتىدە ھازىرغا قەدەر 253 ئادەم قازا تاپتى، 4 كىشى يوقاپ كەتتى، دەپ ئىلان قىلدى.
تىروپىك بەلباغ موسسۇن شامىلىنىڭ تەسىرىدە بۇ يىل 7-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ تايلانىدنىڭ ئوتتۇرا، شىمالى قىسىم ۋە شەرقى شىمالى قىسىم رايونلىرىدا ئۈزلۈكسىز چوڭ كۆلەمدە يامغۇر يىغىپ، كەلكۈن ئاپىتى، لاتقا - شېغىللىق ئېقىن، تاغ گۈمۈرلۈش قاتارلىق ئاپەتلەرنى پەيدا قىلغان، 2مىليون 700مىڭغا يىقىن ئامما ئاپەتكە ئۇچرىغان. نۆۋەتتە بۇ دۆلەتنىڭ ئاساسلىق سۇ ئامبىرى ۋە شۇنداقلا دەريا توغىنى سۇ ئورنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈش ھالىتىدە تۇرماقتا، 30 ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق ئورۇن ئاپەتنىڭ تەھدىتىگە دۇچ كەلمەكتە.
پايتەخت باڭكوكتىكى مىنەن دەرياسىنىڭ سۇ ئورنى ئۈزلۈكسىز ئىشىپ، شەرقى قىسىمدىكى نۇرغۇن كوچىلار سۇ ئاستىدا قالغان، بىر قىسى كوچىلاردىكى ئاممىنى تارقاقلاشتۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرلغان. ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئاپەت ئىغىر رايونلاردا كەلكۈن 4-چىسلا بىسىپ كىرەەندىن بۇيان تېخى چىكىنمىگەن، بىر جايدىكى ئايرۇپىلان ئىستانسىسى ۋە شىمالى قىسىمغا قاتنايدىغان ئاساسلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ۋاقىتىلىق تاقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، مەكتەپ، دوختۇرخانا شۇنداقلا تۈرمە جىددىي تارقاقلاشتۇرۇلغان. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەدەبىيات ئوقۇتۇش گۇرپىسىنىڭ « دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكىگە» كىرگۈزۈلگەن سەۋادنىلەن ئىبادەتخانىسىمۇ كەلكۈن ئاستىدا قالدى.

تايلاند زوڭلىسى 7-چىسلا كەچتە بايانات ئىلان قىلىپ، بۇ تايلانىدتىكى نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى ئەڭ زور كەلكۈن، نۆۋەتتە ئاپەت ۋەزىيتى ناھايتى ئىغىر، پۈتۈن دۆلەت كىشىلىرىنى بىر نىيەتتە ئاپەتكە قارشى تۇرۇشقا چاقىرىمىز، دېگەن.
تايلانىد مەملىكەتلىك ئاپەتتىن ئاگاھلاندۇرۇش مەركىزى 8-چىسلا چۈشتە ئاگاھلاندۇرۇش تارقىتىپ ئوتتۇرا قىسىمدىكى 4 جايدا 8-چىسلادىن 10-چىسلاغىچە يەنە قارا يامغۇر ياغىدىغانلىقىنى، ئاممىنىڭ كەلكۈن ئاپىتى، لاتقا – شىغىللىق ئېقىن قاتارلىق ئاپەتلەردىن ئاگاھ بولۇشىنى ئىيىتقان.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر