پاكىستانلىق دوختۇر بىن لادېننىڭ DNAسىنى ئامېرىكىغا تەمىنلىگەن

0 2011-10-09 11:10:36   شىنخۇا تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى


     ئەنزىگە چېتىشلىق پاكىستانلىق دوختۇر ساكۇر ئەفرىدى

    6-چىسلا ،پاكىستان ھوكۇمىتىنىڭ بىن لادېننىڭ ئامىركىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش كومىتىتى بايانات ئېلان قىلىپ،بىر نەپەر پاكىستانلىق دوختۇر ئامىركا ئاخبارات ئىدارىسىگە بىن لادېننىڭ DNAتەمىنلىگەنلىكى ئۈچۈن دولەتكە ئاسىيلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىپلەنگەنلىكىنى،ناۋادا جىنايەت تۇرغۇزۇلسا ئېھتىمال ئۆلۈم جازاسىغا ھوكۇم قىلىنىغانلىقىنى ئېيتتى.


                                  ئامېرىكا ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى قۇتقۇزۇۋاتىدۇ
بۇ دوختۇرنىڭ ئىسمى ساكۇر ئەفرىدى .ئىسلامئاباد دائىرىلىرى ،ئەفرىدى ئەببوتئاباد شەھىرىدە  كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئەملەش سودىسىنى قالقان قىلىش ئارقىلىق  بىن لادېننىڭ تۇغقانلىرىنىڭ گېن ئەۋرىشكىسىگە ئېرىشىپ ،ئاندىن ئۇنى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ لادېننىڭ سالاھىيىتىنى سېلىشتۇرۇشىغا بەرگەن.ئىگىلىنىشىچە ۋاكسىنا ئەملەش خادىملىرىنىڭ بەن لادننىڭ تۇغقانلىرىنىڭ  تۇرالغۇسىغا كىرىشىگە ئىجازەت بېرىلگەنىكەن.
ئەفرىدى 5-ئايدا بېن لادېن ئۆلگەندىن كېيىنلا پاكىستان ئارات ئورگانلىرى تەرىپىدىن نەزەربەند قىلىنغان.ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە ،ئامېرىكا ھازىر ئەفرىدىنىڭ خوتۇنى بىلەن بالىسىنى قۇتقۇزۇپ ئۇلارنى ئامېرىكىغا ئەكېتىشكە ئۇرۇنۇۋېتىپتۇ.
ئانالىزچىلار تەھلىل قىلىپ ،بۇ بايانات چوقۇم ۋاشىنگتوننىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىنى قوزغايدۇ،ئامېرىكا ئېھتىمال پاكىستاننى ئادەمنى قويۇپ بېرىشكە قىستىشى مۇمكىن دېدى.
                       پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكىنى  ئەڭ چوڭ دۈشمەن دەپ قارايدۇ


بۇ يىل 5-ئاينىڭ 2-كۈنى ئامېرىكا بىر تەرەپلىمە ھالدا پاكىستان چېگرىسى ئىچىگە سۇقۇنۇپ كىرىپ بىن لادېننى ئۇجۇقتۇرۇۋېتىپ،پاكىستان تەرەپنى ھەيران قالدۇردى.بۇنىڭ بىلەن پاكىستان ئامېرىكىنى ئىگىلىك ھوقۇقىمىزغا دەخلى -تەرز يەتكۈزدى دەپ ئەيىبلەپ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى،پاكىستانلىقلارنىڭ ئامېرىكىغا بولغان نارازىلىق كەيپىياتى تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتتى.
6-چېسلا ،ئامېرىكا گوۋۇيۈەنىنىڭ باياناتىچىسى نيۇلەن ئىپادە بىلدۈرۈپ،ئامىركا پاكىستان ئامىركىنىڭ پاكىستان خەلقىنىڭ نەزەرىدىكى سەلبىي ئوبرازىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى،چۈنكى پاكىستانلىقلارنىڭ ھازىر ئامىركىنى دۈشمەن قاتارىدا كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
5-ئايدا بىن لادىن ئامىركا ئېتىۋېتىلگەندىن كېيىن ،پاكىستان ھوكۇمىتى پاكىستان يۇقىرى سوت مەھكىمىسىنىڭ ئالدىنقى ئەمەلدارىنى بىر  تەكشۈرۈش كومىتىتى قۇرۇشقا تەيىنلەپ ،ئامىركا ئارمىيىسىنىڭ  قانداق قىلىپ پاكىستانغا كىرگەنلىكى ھەمدە لادېننىڭ قانداق قىلىپ پاكىستان چىگرىسى ئىچىدە 5يىلدىن ئارتۇق يوشۇرنۇپ تۇرغانلىقىنى تەكشۇرۈشكە بۇيرىدى.
مۇشۇ ھەپتىنىڭ 3-كۈنى مەزكۇر تەكشۈرۈش كومىتىتى لادېننىڭ خوتۇنى،قىزى ۋە پاكىستان ئۈچ ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئەخمەد پاشا گېنرالنى  چاقىرتىپ ئەكەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ ،ئەمما سوراقننىڭ كونكىرت مەزمۇنىنى سىرتقا ئاشكارلىمىدى.6-چىسلادىن كېيىن مەزكۇر كومىتىت بىت تۈرلۈك بايانات ئېلان قىلىپ ،بېن لادېننىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ساياھاتكە چىقىش چەكلىمىسىنى بىكار قىلدى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博