ھىندىستان 5-ئۆكتەبىر دۇنيادىكى ئەڭ ئەرزان تۈز ئىكرانلىق كومپيوتېرنى روياپقا ئېلىپ چىقتى،ئوقۇغۇچىلىق باھاسى ئارانلا 35ئامېرىكا دوللىرى.بۇ تەدبىر ھىندىستان پۇقرالىرىغا قارىتىلغان،بولۇپمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ رەقەملىك مەھسۇلاتلارنى كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىشىگە قولايلىق يارىتىلغان.
ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئېيتىشىچە،”ئاكاش “ناملىق بۇ تۈز ئىكرانلىق كومپيوتېر ئەڭ ئاۋۋال 100مىڭ يۈرۈش سېتىلىپ سىناق قىلىنىدىكەن،شۇنداقلا كېيىنكى بىرقانچە ئايدا مىليونلىغان ئوقۇغۇچىلارغا رەسمىي تارقىتىلىدىكەن.
ھىندىستان تېلگىراف ۋە مائارىپ مېنىستىرى شىبارنىڭ ئالدىنقى ھەپتە كۆرسىتىشىچە،تېزلا ھەربىر مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى 35ئامېرىكا دوللىرىلىق تۈز ئىكرانلىق كومپيوتېرغا ئېگە قىلىمىز،بۇ تەدبىر ئوقوغۇچىلارنىڭ ئوقۇش سۈپىتىنى يوقىرى كۆتىرىشكە ياردىمى بولىدۇ،دېگەن.
مەلۇم بولىشىچە،بۇ تۈز ئىكرانلىق كومپيوتېرنى ئەنگىلىيەدىكى بىر شىركەت ياسىغان بولۇپ،5-چىسلا كەچ ئېلان قىلىنىدۇ،مۆلچەرلىگەن باھا 1750رۇپىيە.
بۇ تۈز ئېكرانلىق كومپيۇتېر ئىككى يىل تەتقىق قىلىنغان ۋە ھىندىستاندا قۇراشتۇرۇلغان.ھۆكۈمەت تەرەپ بۇ مەھسۇلاتنىڭ ھىندىستان مائارىپ ساھەسىنىڭ ئۇچۇرتېخنىكىلاشتۇرۇش خىزمىتىگە ياردىمى بولىدىكەن.ئەمما، ئوبزورچىلار بۇ مەھسۇلاتنىڭ كۈتكەن مەقسەتكە يىتەلىشىدىن گۇمان قىلىشىۋاتىدۇ.
دانىيەدىكى كونا ھەربىي لاگېردا پارتىلاش يۈز بېرىپ ئاز دېگەن...
ۋاشىنگىتوندىكى ئېتىراز بىلدۈرۈش نامايىشى مەيدانىدا توقۇنۇ...
كېنىيە نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ئىگىسى ئۈچۈن دۆلەت دەپنىس...
80 ياشقا كىرگەن شىۋىتسىيىلىك شائىر نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى...
ئامېرىكىدا بىر يۈك پويىزى رېلىستىن چىقىپ كېتىپ پارتلاپ كەتت...
خەۋپسىزلىك كېڭىشى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ سۈرىيە مەسىلىسى توغرىس...