ھىندىستان بىلەن پاكىستاننىڭ سودا كەسپىنى باشقۇرغۇچى تارماقلىرى تۈنۈگۈن كەچتە بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئىككى دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ ئىككى تەرەپلىك سودا مۇناسىۋىتىنى پۈتۈنلەي نورماللاشتۇرۇشقا ھەمدە جەنۇبىي ئاسىيا ئەركىن سودا كېلىشىمى رامكىسىدا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىلىدىغان سودا مۇناسىۋىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قوشۇلدى.
ھىندىستاننىڭ سودا ۋە سانائەت مىنىستىرى شارما بىلەن پاكىستاننىڭ سودا مىنىستىرى فاشىم شۇ كۈنى يېڭى دېھلىدا رەسمىي سۆھبەت ئۆتكۈزدى، بۇ 30 نەچچە يىلدىن بۇيان پاكىستان سودا مىنىستىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ھىندىستاندا زىيارەتتە بولۇشى.
ئاخباراتتا مۇنداق دېيىلدى: ئىككى دۆلەت مىنىستىرلىرى ھىندىستان بىلەن پاكىستاننىڭ ئىككى تەرەپلىك سۇدا مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك نورماللىشىشتەك يېڭى باسقۇچقا كىرىۋاتقانلىقىدىن مەمنۇن بولدى. ھەمدە ئۇچ يىل ئىچىدە ئىككى دۆلەتنىڭ سودا سوممىسىنى ھازىرقى 2 مىليارد 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن 6 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە قوشۇلدى.