قىرغىزىستان زۇڭتۇڭىنىڭ مەدەنىيەت مەسلىھەتچىسى لايىف ، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى كۇلۇيۇف ، جۇڭگونىڭ قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋاڭ كەيۋىن ۋە قىرغىزىستاندىكى ھەرساھە زاتلار ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ، جۇڭگولۇق مۇھاجىرلار ‹‹جۇڭگو-قىرغىزىستان مەدەنىيەت ھەپتىلىكى›› كۆرگەزمىسىنى كۆردى .
27-سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن ، ‹‹جۇڭگو شىنجاڭ ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت ھەپتىلىكى ›› نىڭ كۆرگەزمە پائالىيىتى قىرغىزىستان دۆلەتلىك تارىخىي مۇزېيدا ئۆتكۈزۈلدى .
قىرغىزىستان زۇڭتۇڭىنىڭ مەدەنىيەت مەسلىھەتچىسى لايىف، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى كۇلۇيۇف ، جۇڭگونىڭ قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋاڭ كەيۋىن ۋە قىرغىزىستاندىكى ھەرساھە زاتلار، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ، جۇڭگولۇق مۇھاجىرلار ‹‹جۇڭگو شىنجاڭ ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت ھەپتىلىكى›› ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇھەممەدھەسەن توختالى بىلەن بىرلىكتە كۆرگەزمە كۆردى .
كۆرگەزمىدە ‹‹■گۈزەل شىنجاڭ ›› فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى، ‹‹رەڭدار شىنجاڭ ›› كىيىم-كېچەك كۆرگەزمىسى ، ‹‹يىپەك يولىدىكى قالۇن ئاۋازى ›› مىللىيچە ئەنئەنىۋى چالغۇلار كۆرگەزمىسى ۋە ‹‹جەلپكار شىنجاڭ ›› ئاساسىي تېما قىلىنغان كىتاب ۋە رەسىم ، ئېلېكتىرونلۇق نەشىر بۇيۇملىرى سوۋغا قىلىش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ ، ئوخشىمىغان شەكىل ۋە نۇقتىلاردا تۇرۇپ شىنجاڭ ۋە شىنجاڭنىڭ گۈزەللىكى نامايان قىلىندى .
‹‹جۇڭگو-قىرغىزىستان مەدەنىيەت ھەپتىلىكى›› قىرغىزىستاندا ب...
ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى ھىلارى كېلىنتون ئىسرائىلىيەنى تەنقىد...
بوغۇم ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان مۈشۈك ئالاھىدە شوتىغا ئېرى...
شاڭخەي مېتىرو پويىزى 10-نومۇرلۇق لىنىيەسىدە ۋەقە يۈز بېرىپ 224...
بىرازىلىيەدىكى ئادەمخور بېلىق كىشىلەرگە ھۇجۇم قىلىپ 100 دىن ...