ياپونىيە 9-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرىدە ، 25-چېسلا كەچ سائەت 5تىن 55مىنۇت ئەتراپىدا ،ياپونىيىنىڭ 11-باشقۇرۇش رايونى نابا دېڭىز ئۈستى ئامانلىق ساقلاش باش شتابىنىڭ ئايروپىلانى دىياۋ يۈداۋ ئارىلى ، جىيۋ ياڭداۋ ئارىلىنىڭ شەرقى-شىمال تەرىپى شىمالى يانتۇلۇقتىن تەخمىنەن 121 كىلومېتىر كېلىدىغان يەردىكى «ياپونىيە دېڭىز ئۈستى مەخسۇس ئىقتىسادىي رايونى (EEZ)» دا «بېيدوۋ»ناملىق جۇڭگو دېڭىز-ئوكيان تەكشۈرۈش پاراخوتىنى بايقىغانلىقىنى خەۋەر قىلىدۇ ،خەۋەر قىلىنىشىچە ، مەزكۇر پاراخوتنىڭ تۇرغان دېڭىز رايونى جۇڭگو تەرەپنىڭ ئاۋۋال خەۋەر قىلغىنى بىلەن ئوخشاش ئەمەس ، پاراخوتنىڭ قۇيرۇق قىسمىدا دېڭىزغا ئۇزارتىلغان سىم بار ئىكەن دېيىلگەن .
دېيىلىشىچە ، ياپونىيە دېڭىز ئۈستى ئامانلىقنى ساقلاش باش شتابىنىڭ ئايروپىلانى بىلەن شۇ جايغا ماڭغان چارلىغۇچى پاراخوتلار رادىئودا «ئاگاھلاندۇرۇش» ،«ئالدىن قوشۇلمىغان دېڭىز رايونىدىكى دېڭىز- ئوكيان تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىشقا رۇخسەت قىلمايدىغانلىقى»ھەققىدە خەۋەر تارقاتقان . ئىگىلىنىشىچە شۇ كۈنى كەچ سائەت 9دىن 15مىنۇت ئۆتكەندە مەزكۇر پاراخوت ئىنكاس قايتۇرۇپ ، «ئالدىن مەلۇم قىلغان دېڭىز رايونىدا تۇرۇۋاتقانلىقى»نى بىلدۈرگەن ، ياپونىيىنىڭ 11-باشقۇرۇش رايونى دېڭىز ئۈستى ئامانلىقنى ساقلاش بۆلۈمى شۇ كۈنى كەچ سائەت 10دىن خېلىلا ئاشقاندا مەزكۇر پاراخوتنىڭ قۇيرۇقىدىكى سىمىنى يىغىۋالغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەن .
خەۋەردە يەنە ، جۇڭگو بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا «قارشى تەرەپنىڭ يېقىن دېڭىز رايونىدىكى دېڭى ئوكيان تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىشقا توغرا كەلسە ، ئاز دېگەندىمۇ ئىككى ئاي بۇرۇن پاراخوت – كىمىنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنىنى خەۋەر قىلىش »دېگەن ئالدىن خەۋەرلەندۈرۈش تۈزۈمى تەسىس قىلىنغان ئىكەن . ياپونىيىنىڭ 11-باشقۇرۇش رايونى دېڭىز ئۈستى ئامانلىقنى ساقلاش بۆلۈمى دىپلوماتىيە يولى ئارقىلىق جۇڭگو تەرەپكە ئېتىراز بىلدۈرۈپ ، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى جەزملەشتۈرۈش ۋە بايانات ئېلان قىلىشنى ، رۇخسەت قىلىنمىغان رايونلاردا دېڭىز-ئوكيان تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىشقا بولمايدىغانلىقنى تەلەپ قىلغان .
جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى كۆپ قېتىم تەكىتلەپ ، دىياۋ يۈداۋ ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق ئاراللار ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ زېمىنى ، جۇڭگو بۇنىڭغا نىسبەتەن قىلچە مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە ، قايسى خىلدىكى بۇ بىر ھەقىقەتنى ئۆزگەرتىمەن دەيدىغان سۆز ۋە ھەرىكەت بىھۇدە ئاۋارچىلىقتۇر خالاس دېگەن .
ھەمبەھىرلىنىڭ