
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما تۈنۈگۈن دۆلەت مەجلىسىنى ئىشسىزلىق نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ۋە ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىش قەدىمىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، ھۆكۈمەت ئوتتۇرغا قويغان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇن لايىھەسىنى تېزرەك ماقۇللاشقا دەۋەت قىلدى.
ئامېرىكىنىڭ ئاجىز ئىقتىسادىنى يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن، ئوباما 8-سېنتەبىر ئومۇمىي سوممىسى 447 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇن لايىھەسىنى ئېلان قىلىپ، 12-سېنتەبىر بۇ قانۇن لايىھەسىنى دۆلەت مەجلىسىگە سۇندى. ئۇنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى كارخانا ۋە ياللانما خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ھەققى بېجىنى ئازايتىش، ئىشسىزلىق قۇتقۇزۇش پۇلى پىلانىنى ئۇزارتىش ھەمدە ئاساسىي مۇئەسسەسەلەرگە مەبلەغ سېلىشنى كۆپەيتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. لېكىن مەزكۇر قانۇن لايىھەسىگە كېرەكلىك مەبلەغنى تۆلەش ئۈچۈن، ئوباما يېقىندا ئامېرىكىدىكى باي ئائىلىلەرنىڭ بېجىنى كۆپەيتىش تەكلىپىنى بەردى. بۇ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. تەھلىلچىلەر ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قانۇن لايىھەسىنىڭ بارلىق مەزمۇنى دۆلەت مەجلىسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈشى ناھايىتى تەس، دەپ قارىدى.
ھەمبەھىرلىنىڭ