چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما 20-سېنتەبر كازافىي قالدۇق كۈچلىرىنىڭ قۇرال تاشلىشىنى مۇراجىئەت قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا باش ئەلچىسىنىڭ پايتەخت تىرىپولىغا قايتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان، لىۋىيەنى قايتا قۇرۇشقا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن.
ئوباما شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كازافىينىڭ قوللىغۇچىلىرىنى قارشىلىشىشتىن ۋاز كېچىشكە دەۋەت قىلدى، ئۇ مۇنداق دېدى: قارشىلىشىۋاتقان ئاشۇ كىشىلەر كونا ھاكىمىيەتنىڭ ئاياقلاشقانلىقىنى بىلىشى كېرەك، ھازىر قورال تاشلاپ، يېڭى لىۋىيەگە قوشۇلىدىغان ۋاقىت كەلدى.
ئەمما كازافىنىڭ باياناتچىسى ئىبراھىم مۇنداق دېدى: ئۇرۇش نەچچە يىل داۋاملىشىشى مۇمكىن، كازافىغا سادىق قىسىمنىڭ قۇرال-ياراقلىرى يېتەرلىك ھەمدە داۋاملىق كۆرەش قىلىشنى خالايدۇ.
ھەمبەھىرلىنىڭ