ئوباما پاتېنت ئىسلاھاتى قانۇن لايىھەسىنى ئىمزالىدى

0 2011-09-19 10:07:10   شىنخۇا ئاگېنتلىقى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
 

 
      ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئومابا 16-سېنتەبىر «ئامېرىكا پاتېنت قانۇنى»نى ئىمزالىدى. بۇ-ئامېرىكىنىڭ يېقىنقى 60 يىلدىن بۇيان پاتېنت قانۇنىغا ئەڭ زور بىر قېتىملىق تۈزىتىش كىرگۈزۈشى بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش، ئىش ئورنىنى كۆپەيتىشكە پايدىلىق نامايەندىلىك ئىش دەپ قارالدى.
      بۇ قانۇن لايىھەسى-پاتېنت ئىلتىماس تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، قانۇن ماجىرا تەننەرخىنى ئازايتىدۇ، يەنە ئامېرىكا پاتېنت ۋە تاۋار ماركىسى ئىشخانىسىنىڭ پاتېنت ئىلتىماسىنى تېخىمۇ تېز بېجىرىشىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدۇ. گۇگىل، ئالما قاتارلىق چوڭ پەن-تېخنىكا شىركەتلىرى ۋە ئامېرىكا سودا جەمئىيىتى قاتارلىق كەسپىي تەشكىلاتلار قانۇن لايىھەسىنىڭ ئىمزالانغانلىقىنى قارشى ئالدى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博