9-سېنتەبىر سەھەر سائەت 2دە، شىنجاڭنىڭ كۈنەس ناھىيەسىدە تاغ گەۋدىسى گۆمۈرۈلۈپ چۈشۈپ، يەتتە ئادەم كۆمۈلۈپ قالغان. ھازىرغا قەدەر، يەتتەيلەننىڭ ھەممىسىنىڭ قازا قىلغانلىقى ئېنىقلانغان، تاغ گەۋدىسىنىڭ گۆمۈرۈلۈپ چۈشۈش سەۋەبى تەكشۈرۈلمەكتە.
مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومدىن ئىگىلىشىچە، 10-سېنتەبىر سائەت 9:30 دىن باشلاپ، يەتتە سائەتتىن ئارتۇق قۇتقۇزۇش ئارقىلىق، قازا قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ جەسىتى تېپىلغان. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئەر بولۇپ، چوڭى 39 ياشتا، كىچىكى 22 ياشتا ئىكەن.
ھەمبەھىرلىنىڭ