سۈرەتلىك ئۇچۇر >>   مەزمۇن

مىسىر زۇڭتۇڭى مۇبارەك ئۈچۈنچى قېتىم سوتقا چىقتى

12 2011-09-06 10:34:00   sina.com.cn   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

 9-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى خەۋەردە دېيىلىشىچە مىسىرنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى مۇبارەك ۋە ئىككى ئوغلى شۇ يەر ۋاقتى 9-ئاينىڭ 5- كۈنى ئەتىگەن سائەت 9 دا 3-قېتىملىق سوتقا چىققان . سوت قىلىنغان جاي ئاۋۋالقىدەكلا قاھىرە ساقچى ئىنستىتۇتى . لېكىن مىسىر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بۇ خەۋەرنى نەق مەيدان ئۇلاپ قويمىغان .
      خەۋەردە دېيىلىشىچە، شۇ يەر ۋاقتى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى مۇبارەك بىر ھەربىي ئايروپىلان بىلەن دوختۇرخانىدىن سوتقا ئېلىپ بېرىلغان . ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى بولسا بىۋاسىتە تۈرمىدىن سوتقا ئېلىپ بېرىلغان .مىسىرنىڭ سابىق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ھەبىب ئەل ئادلى ۋە ئالتە نەپەر ياردەمچى داۋاملىق سوتقا چىققان . ئىگىلىنىشىچە جىسا سوت مەھكىمىسى ئادلىغا پۇل يۇيۇش ۋە قانۇنسىز پايدىغا ئېرىشىش جىنايىتى بىلەن 12 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان .
     3-قېتىملىق سوت ئاساسلىقى مۇبارەكنىڭ 1-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى كەڭ كۆلەملىك نامايىشنى قوراللىق باستۇرغان قىلمىشىنى سوتلىغان . سابىق زۇڭتۇڭنىڭ ئىلگىرىكى ھوقۇقتىن پايدىلىنىپ چىرىكلەشكەن ئىشلىرى بۇ قېتىملىق سوتتا تىلغا ئېلىنمىغان .
      يەرلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا مۇبارەكنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى يەنىلا خەلقنىڭ كۆڭۈل بۆلۈش قىزىق نۇقتىسىغا ئايلانغان . مۇبارەك ئانتىبىئوتىك داۋالاشنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن سالامەتلىك ئەھۋالى ياخشىلانغان بولۇپ 3-قېتىملىق سوتقا تەسىر كۆرسەتمەيدىكەن .  بۇندىن باشقا مىسىر بۇ قېتىملىق سوتنى ئاۋۋالقىدەكلا  زور قوراللىق كۈچنى ئىشقا سېلىپ قوغدىغان .
    3-قېتىملىق سوتقا نىسبەتەن تەپتىش مەھكىمىسى مۇبارەكنىڭ جىنايى پاكىتلىرىنى تولۇق ئىگىلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن . لېكىن مۇبارەكنىڭ ئايالى سۇسان.مۇبارەك ئۇلارنىڭ ئادۋوكاتىدا ئۇلارنىڭ گۇناھسىزلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئىسپاتلار تولۇق دېگەن .

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博