11-سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنىڭ 10 يىللىق خاتىرە كۈنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى جايلىرى ئايرودۇرۇم، ۋوگزال قاتارلىق ئاساسلىق ئەسلىھەلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىشكە باشلىدى. ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە: گەرچە ھېچقانداق تەھدىت بولمىسىمۇ، بىراق بازا تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭ شۆبىسىنىڭ ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ مەنپەئەتىگە ھۇجۇم قىلىش مەقسىتىنىڭ ۋە ئىقتىدارىنىڭ بارلىقى ئايان بولغان.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 11-سېنتەبىر كۈنى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما نىيۇيوركتىكى دۇنيا سودا مەركىزىنىڭ خارابىسى،پېنسىلۋانىيە ئىشتاتىدىكى 93-قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن جايغا ۋە بەش بۇرجەكلىك بىناغا بېرىپ ئالاقىدار خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدىكەن. شۇ كۈنى كەچتە، ئوباما يەنە ۋاشىنگتون دۆلەت چېركوۋسىدىكى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىدىكەن ھەمدە سۆز قىلىدىكەن. ئامېرىكىنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى كېچىك بۇشمۇ نىيۇيوركتا ئۆتكۈزۈلگەن خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىدىكەن.