مىسىرنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى مۇبارەكنىڭ مەھبۇسلارنى سولايدىغان تۆمۈر قەپەسكە قويۇلغان كارىۋاتتا يېتىپ سوراق قىلىنغانلىق كۆرۈنۈشى ئوتتۇرا شەرقتىكى ھەرقايسى ئەل خەلقلىرىنى ھەيران قالدۇردى.
نۇرغۇن كىشى: بۇ قېتىمقى سوتنىڭ مەزكۇر رايوندىكى باشقا مۇستەبىت ھۆكۈمرانلار ئۈچۈن ساۋاق بولۇشىنى ئۈمى قىلىمىز، دېيىشىي. ئامما ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى مۇراجەت قىلغان بولسىمۇ. لىۋىيە، سۇرىيە، يەمەن قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىرى ھوقۇقىدىن ۋاز كەچمەي جاھىللىق قىلىۋاتىدۇ.
يەنە بەزىلەر كارىۋاتتا ياتقان، ئاجىزلاپ قالغان 83 ياشلىق مۇبارەككە ئىچ ئاغرىتتى. ئۇلار مۇبارەكنى ئاشكارا ھاقارەتلەشنىڭ باشنقا مۇستەبىت ھۆكۈمرانلارغا خاتا ئۇچۇر يەتكۈزۈپ قويۇشىدىن يەنە ئۇرۇشنى توختاتساق، مۇبارەككە ئوخشاش تەقدىرگە دۇچ كېلىمىز، دەپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىشىۋاتىدۇ.
سىياسىي تەھلىلچى، بېيرۇت «كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتى»نىڭ مەخسۇس ئستۇن يازغۇچىسى جىھاد زايىن: بۈگۈن، ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ھەممىسى جىددىيلەشتى؛ ئەمدى ئۇلار ئىسلاھاتنى تېخىمۇ رەت قىلىپ، ئاخىرغىچە جەڭ قىلىدىغان، بولدى، دېدى.
نۇرغۇن كۆزەتكۈچى ئەرباب: مۇبارەك ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ جىنايىتى بېكىتىلسە،كەلگۈسىدىكى ئەرەب ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى دۆلەت ئىشلىرىغا قاتناشتۇرۇش ئېھتىماللىقى ئازلايدۇ، ئۇلار دۆلەتنى ئاز بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ خۇسۇسىي، مال-مۈلكى دەپ ئويلىمايدىغان بولۇشى مۇمكىن.
ھەمبەھىرلىنىڭ