پاكىستاندا بەش قەۋەتلىك بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ 70 ئادەمنى بېسىۋالدى

2 2011-08-05 15:55:11   gb.cri.cn   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

    2011-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى، پاكىستاننىڭ جەنۇبىدىكى پورت شەھىرى كاراچىدا بىر بەش قەۋەتلىق ئولتۇراق بىنا ئۆرۈلۈپ كېتىپ، ئىككى ئادەم قازا قىلىپ، 15 ئادەم يارىلانغان، 70 دىن ئارتۇق ئادەم كۆمۈلۈپ قالغان.
     خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ئولتۇراق بىنا كاراچى شەھەر رايونىدىكى نوپوس زىچ ئولتۇراقلاشقان رايوندا بولۇپ، بىنادا ئاز دېگەندىمۇ 15 ئائىلىلىك ئولتۇرىدىكەن. شۇ كۈنى چۈشتە بىبا تۇيۇقسىز ئۆرۈلۈپ چۈشكەن. قۇتقۇزۇش خادىملىرى نۆۋەتتە ئاختۇرۇش خىزمىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ھايات قالغۇچىلارنى ئىزدەۋېتىپتۇ. بۇ قېتىمقى بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشۈش سەۋەبدىن تەبىئىي گاز ۋە سۇ يولى يېرىلىپ كېتىپ، قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە ئاۋارىچىلىك كەلتۈرۈپ چىقارغان.
   بۇ بىنانىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشى ئەتراپتىكى نۇرغۇن قۇرۇلۇشلارغا تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، يەرلىك ئاھالىلەر قورقۇپ كېتىپ تارقىلىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ قارىشىچە بىنا ئۇزۇن يىل رىمىنوت قىلىنمىغانلىقتىن ئۆرۈلۈپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىنكەن.


ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博