غەربىي ئاسىياغا جايلاشقان سەئۇدى ئەرەبىستاندا مول نېفىت بايلىقىدىن باشقا يەنە ، پايتەخىت رىيادتا پۈتۈن دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ تۆگە سودا بازىرى بار . بۇ يەردە ھەركۈنى نەچچە مىڭلىغان ئاق ، قارا ، قىزىل قوڭۇر رەڭلىك چوڭ - كىچىك تۆگىلەر قولدىن قولغا ئۈتۈشىدۇ . تۆگىلەرنىڭ ئەڭ چوڭى ئۈچ مېتىر ، ئېغىرلىقى 750 كىلوگىرامغا بارىدۇ .
كىشىلەر « قۇملۇق كېمىسى » دەپ ئاتىشىدىغان بۇ جانىۋار سەئۇدىلىقلارنىڭ قەلبىدە ھېچنىمە بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغان ، ئۇلار ئەڭ ياقتۇرۇپ يەيدىغان ئەڭ مەززىلىك يىمەكلىكىنىڭ بىرى .ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئادەتتە كىچىك بىر تۇياق تۆگىنىڭ باھاسىمۇ 300 ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا بولۇپ ، بەزىدە تۆگە ھايانكەشلىرى « ئېسىل تۆگە » لىرىنى كىم ئاشتى قىلىپ ساتىدىكەن ، بۇنداق تۆگىلەرنىڭ ئەڭ يۇقىرى باھالىرى ھەتتا بىر مىليون دوللارغا بارىدىكەن .
كۆپ ساندىكى تۆگىلەر قۇشخانىغا ئاپىرىپ بېرىلىدۇ . سەئۇدىلىقلارنىڭ نەزىرىدە تۆگە گۆشىنىڭ تەمى مەززىلىك ھەم ماي مىقدارى تۆۋەن.