دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ئايال ئالىم

9780 2012-04-23 11:35:15   www.basbas.cn   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      بۇ ساھىبجامال ئايال تەتقىقاتچىنىڭ ئىسمى ھەيدى ، ئۇ 1914-يىلى ۋيېنادىكى بىر چوڭ بانكىر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . ئۇ دەسلەپتە سەنئەت ساھەسىگە قەدەم ئېلىپ ، « ئەس -ھۇشىنى يوقىتىش » ناملىق فىلىمدە رول ئېلىپ داڭق چىقارغان . لېكىن ئۇ ئادەتتىن تاشقىرى چىرايلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ، نۇرغۇن كۆرۈرمەنلەر فىلىمنى كۆرگەن چاغدا ئۇنىڭ رول ئېلىش ماھارىتى بىلەن كارى بولماستىن ، ئۇنىڭ چىرايىدىن ھۇزۇر ئالاتتى . ئۇ بۇ فىلىمدە ئايال باش پېرسوناژنىڭ رولىنى ئالغان بولۇپ ،  پۈتۈن يالىڭاچ كۆرۈنۈشكە چىققان تۇنجى ئايال ئارتىس ھېسابلىناتتى . ئەينى چاغدا ئۇ توغرىسىدىكى سۆز -چۆچەكلەر ئۈزۈلمىگەن ئىدى . كىشىلەر ئۇنىڭ تاشقى گۈزەللىكىنىلا كۆرۈپ ، ئىچكى دۇنياسىغا قىزىقمايتتى . ئۇ ئۆزىنىڭ چىرايلىق رۇخسارىلا بولۇپ قالماستىن يەنە ناھايىتى ئەقىللىق ئىكەنلىكىنى پۈتۈن ئالەمگە ئىسپاتلاپ بېرىش ئۈچۈن ، پەن - تېخنىكا تەتقىقاتى بىلەن شوغۇللىنىشنى قارار قىلغان . ئۇنىڭ ئوقۇغان كەسپى بولسا ئۇچۇر-ئالاقە كەسپى ئىدى .

      ئۇنىڭ تۇنجى يولدىشى داڭلىق ھەربىي ئەرباب بولغاچقا ، ھەيدىنىڭ نىكاھى ھەيدىنى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرىكى ياۋرۇپا سىياسىي ھەربىي كۈرىشىگە سۆرەپ كىردى. ئۇ چاغلاردىكى سىمسىز سىگنال تۇرۇپ - تۇرۇپ ئۈزۈلۈپ قالاتتى . شۇچاغدا ھەيدى سىمسىز ئېلىكتىر دولقۇنى چاستوتىسىنى ئۆزلۈكسىز ۋە خالىغانچە ئۆزگەرتىپ تۇرۇش ئارقىلىق سىگنالنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى . ھەمدە بۇ ئارقىلىق دۈشمەننىڭ سىگنالغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ يەتتى . ئەمما بۇ جەرياندا ئۇنىڭ نىكاھ تۇرمۇشى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ مۇھىم تېخنىكىنى ئۆزىنىڭ كېيىنكى تەتقىقاتلىرىغا ئىشلەتكەن .

     1940-يىلى ، ئۇ مۇزىكانت جورجى بىلەن ھەمكارلىشىپ ، ئايروپىلاننىڭ يول باشلاش سېستىمىسىنى لاھىيلەپ چىقتى . ھەمدە 1942-يىلى 8-ئايدا ئامېرىكىغا بېرىپ پاتېنىت ھوقۇقى ئىلتىماس قىلدى . بۇ ئەينى چاغدىكى « چاستوتا كېڭەيتىش ئۇچۇر تېخنىكىسى » ئىدى . ئەينى چاغدا ئامېرىكا تەرەپ ئۇلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىگە ئانچە ئېتىبار قىلمىغان ، شۇنداقلا سىناق قىلىشنى رەت قىلغان . ۋە بۇ تېخنىكىنى قاتتىق مەخپىي ساقلىغان . شۇنداق قىلىپ ھەيدى ئەينى چاغدا ھېچقانداق شەرەپكە نائىل بولالمىغان .


    1997-يىلى ، CDMA ئالاقە تېخنىكىسىنىڭ خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرىشىگە بىلەن ، ئالىملار ئاللىقاچان 83 ياشقا كىرگەن ھەيدىنى ئېسىگە ئالغان . ئەمما بۇ چاغدا ئۇنىڭ پاتېنىت ھوقۇقى كۈچىدىن قالغاچقا ، ئۇ بۇ ئارقىلىق ھېچقانداق مەنپەئەتكە ئېرىشەلمىگەن . پەقەت ئېلىكترون فوندىنىڭ ئىلغارلار مۇكاپاتىغا نائىل بولغان . ھەيدىگە «چاستوتا كېڭەيتىش تېخنىكىسىنىڭ ئانىسى » دېگەن ئۇلۇغۋار نام بېرىلگەن .



ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر