سەئۇدى ئەرەبىستانى ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى پادىشاھ ۋارىسلىقىغا تەيىنلەندى

0 2011-10-31 11:04:18   شىنخۇا تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

   

     سەئۇدى ئەرەبىستانى خان ئوردىسى 28-ئۆكتەبىر سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھى ئابدۇللانىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ 2-مۇئاۋىن ۋەزىرى قوشۇمچە ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى نايىف بىن ئابدۇللا ئاجىسنى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پادىشاھ ۋارىسلىقىغا تەيىنلىگەنلەپ،6 كۈن بۇرۇن قازا قىلغان 1-مۇئاۋىن ۋەزىر، پادىشاھ ۋارىسى سۇلتاننىڭ ئورنىغا قويغانلىقىنى جاكارلىدى.
   نايىف 1993-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ،پادىشاھ ئابدۇللارنىڭ دادا بىر ئانا باشقا ئىنىسى،يەنى ۋاپات بولغان پادىشاھ ۋارىسى سۇلتاننىڭ ئۆز ئىنىسى.ئۇ 1975-يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئىچكى ئىشلار ۋەزىرىگە تەيىنلىنىپ سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ بېخەتەرلىكى ۋە تېرۇرلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بولۇپ كەلگەن.
    2009-يىلى ئۇ پادىشاھ ئابدۇللا تەرىپىدىن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ 2-مۇئاۋىن ۋەزىرلىكىگە تەيىنلەنگەن.پادىشاھ ئابدۇللا ۋە پادىشاھ ۋارىسى سۇلتان چەتئەلدە داۋالىنىۋاتقان مەزگىلدە ئۇ دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇپ يۇرۇشتۇرۇپ كەلگەن.
    پادىشاھ ۋارىسى سۇلتان مۇشۇ ئاينىڭ 22-كۈنى كېسەل سەۋەبىدىن ئامېرىكىدا 83 يېشىدا ۋاپات بولدى،سۇلتان 2005-يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پادىشاھ ۋارىسى قوشۇمچە بىرىنچى مۇئاۋىن ۋەزىرلىككە تەيىنلەنگەن.ئۇ يەنە ئىزچىل تۈردە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلگەن،ئۇ تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن بۇ ئورۇن بوش قالغان.
    مۇشۇ ئاينىڭ 17-كۈنى بۆرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 87 ياشلىق پادىشاھ ئابدۇللار رىيادتا بىر يىل ئىچىدىكى 3-قېتىملىق ئوپراتسىيە قىلىپ داۋالاشنى قوبۇل قىلغان.نۆۋەتتە ئۇنىڭ سالامەتلىكى تېخى ئەسلىگە كەلمىدى،لېكىن نايىفنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ناھايتى ياخشى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博