10-ئاينىڭ 27-كۈنى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ،ئەڭ ئېغىر ئالتۇن تەڭگە ئاۋستىرالىيەنىڭ بوس شەھىرىدە كۆرگەزمە قىلىندى،بۇ ئالتۇن تەڭگىنىڭ بىر يۈزىگە كىنگورونىڭ سۆرىتى يەنە بىر يۈزىگە بولسا ئەنگىلىيە ئايال پادىشاھىنىڭ باش سۆرىتى ئويۇلغان.دىئامىتىرى 80سانتىمېتىر قېلىنلىقى 12سانتىمىتىر،ئېغىرلىقى بىر توننا كېلىدىغان بۇ تەڭگىنى ئاۋىستىرالىيە قىتئەسىدىكى بوس پۇل ئويۇش زاۋۇتى ئەنگىلىيەنىڭ ئايال پادىشاھىنى كۈتىۋىلىش ئۈچۈن ئالاھىدە ياسىغان ئىكەن.
تەركىبىدىكى ئالتۇننىڭ مىقدارى 99.99%كە يىتىدىغان بۇ تەڭگىنىڭ باھاسى بىر مىليون ياۋرو ئىكەن. (جۇڭگو پۇلىدا 6مىليون 780مىڭ) ئەمەلىيەتتە بۇ تەڭگىنى ياساشقا كەتكەن ئالتۇننىڭ قىممىتى 50مىليۇن ياۋرۇغا يارايدىكەن(جۇڭگو پۇلىدا340 مىليون)
نەچچە سىكۇنت ئىچىدىلا يانفون ياكى ماشىنىلارغا توك قاچىلاپ ب...
يېڭىدىن سايلانغان<<چولپان ئەزالار>>مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى ت...
نەچچە يۈز مىليۇن قىپيالىڭاچ ھىندى مۇرتلىرى گانگا دەرياسىدا ...
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ئ...
رىم جۇڭگولۇقلار مەھەلىسىدىكى پۇل توشۇش ماشىنىسى بۇلاڭچىلار...