ئاۋسترالىيە قىتئەسى كانچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن تەننەرخنى ئازايتىش كېرەك

14 2012-09-19 11:20:30   intl.ce.cn   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

   ئاۋسترالىيە قىتئەسى كۈندىلىك گېزىتى خەۋىرى . ئاۋسترالىيە قىتئەسى بايلىق مىنىستىرلىكىنىڭ باشلىقى فىرگىسون يېقىندا ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىپ ، كانچىلىق ئەگەر پىلاندىكى مەبلەغ تۈرىنىڭ داۋاملىق ئىجرا بولۇنىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن ، چوقۇم تىجارەت تەننەرخىنى ئازايتىشى كېرەك ، دېدى .

  ئاۋسترالىيە قىتئەسى كانچىلىق كومىتېتى ئەزالىرى ھەپتىنىڭ 1-كۈنى ئەڭ يېڭى دوكلات ئېلان قىلىپ ، ئەمگەك كۈچى تەننەرخىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن دۇنيا بويىچە 1-ئورۇنغا چىقىپ قالغانلىقىنى ، شۇ سەۋەپلىك ئاۋسترالىيە قىتئەسىنىڭ ھازىرقى تەننەرخ يۈزلىنىشىدە ئاللىقاچان تۆۋەنلەش كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى . يۇقىرى كۆتۈرۈلىۋاتقان كاپىتال تەننەرخى ۋە ئېنېرگىيە توشۇلۇش تەننەرخى كانچىلىق كەسپىگە چوڭ بىسىم ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ ، بۇ دوكلاتتا نۇرغۇنلىغان تېخنىكا كۆچمەن خادىملىرىغا مۇراجىئەت قىلىنغان ، شۇنداقلا سىياسەت تۇرغۇزغۇچىلارنىڭ <ئادىل خىزمەت قانۇنى> غا ماس تەڭپۇڭلاشتۇرۇش سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇپ ، دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا بولغان ئارزۇسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن .

   فىرگىسون مۇنداق دېدى: ھازىر قۇرۇلىۋاتقان ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشىنىڭ قىممىتى 270 مىليارد يۈەنگە يېتىدۇ ، ھالبۇكى پىلان ئىچىدىكى قۇرۇلۇش تۈرى تەخمىنەن 230 مىليارد يۈەن . ئۇ مۇنداق دېدى: مەبلەغ سېلىش قىزغىنلىقى يەنە داۋاملىشىشى مۇمكىن ، بىراق بىز چوقۇم ئالدى بىلەن بۇ قۇرۇلۇشنىڭ توشۇش تەننەرخىنى ئازايتىشىمىز لازىم . مەبلەغ پۇرسىتىنى ئەڭ چوڭ چەككە يەتكۈزۈش ئۈچۈن ، بىز چوقۇم تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ جەلپ قىلىدىغان مۇھىت يارىتىشىمىز لازىم ، شۇنىڭدا پۈتۈن دۆلەت بۇنىڭدىن پايدا كۆرەلەيدۇ . ئاۋسترالىيە چوقۇم دەرھال قۇرۇلۇش توشۇلۇش تەننەرخى مەسىلىسىگە ئەھمىيەت بېرىشى ، ھەمدە مەبلەغ سالغۇچىلار يۈزلىنىشى مۇمكىن بولغان خىرىسقا كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك .

  فىدىراتىپ ھۆكۈمەت بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ بىر تۈرلۈك پىلاننى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ ، 3 مىليارد يۈەنلىك مەبلەغ سېلىپ كۆپلىگەن ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيلىدى ، كانچىلىق ئۈچۈن مۇھىت ئىجازەتنامىسى ئېلىشتىكى توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلىدى ، ھەمدە سىرتقى ئەمگەك كۈچلىرىنى جەلپ قىلىپ خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن مۇمكىنچىلىك ھازىرلىدى. فىرگىسون مۇنداق دېدى : بىزنىڭ كەلگۈسىدىكى كىرىمىمىز يۇقىرى بولغان تاۋار باھاسىدىن ئەمەس ، بەلكى مول تەننەرخ ئۈنۈمى بار بولغان ئەھۋال ئاستىدا تاۋارنىڭ سېتىلىش مىقدارىنى ئاشۇرۇشتىن كېلىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博