ئاۋسترالىيە سىتاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ 11-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان پەسىللىك ئامىللارنى چىقىرىۋىتىپ ھېساپلىغاندىن كېيىنكى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە ، 9-ئايدا ئاۋسترالىيە قىتئەسىنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى % 5.4 كە چىققان ، 8-ئايدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى بولسا % 5.1 بولغان ئىكەن .
9-ئايدىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش سانى 14 مىڭ 500 دانە كۆپىيىپ ، 11 مىليون 512 مىڭغا يەتكەن .AAP دىكى 17 ئىقتىسادشۇناسقا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە ، مۇتەخەسسىسلەر ئىلگىرى 9-ئايلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش سانى 5000 دانە كۆپىيىدۇ ، ئىشسىزلىق نىسبىتى بولسا % 5.2 كە يېتىدۇ دەپ پەرەز قىلغان ئىكەن .
9 -ئايدا پۈتۈن تۈزۈملۈك خىزمەتچى خادىملار ئومۇمىي سانى 32 مىڭ 100 دانە كۆپىيىپ ، 8 مىليون 107 مىڭ دانىغا يەتكەن ، قوشۇمچە ۋەزىپىدىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ سانى بولسا 17 مىڭ 700 دانە ئازىيىپ ، 3 مىليون 405 مىڭغا چۈشكەن .
نەچچە سىكۇنت ئىچىدىلا يانفون ياكى ماشىنىلارغا توك قاچىلاپ ب...
يېڭىدىن سايلانغان<<چولپان ئەزالار>>مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى ت...
نەچچە يۈز مىليۇن قىپيالىڭاچ ھىندى مۇرتلىرى گانگا دەرياسىدا ...
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ئ...
رىم جۇڭگولۇقلار مەھەلىسىدىكى پۇل توشۇش ماشىنىسى بۇلاڭچىلار...