ئاۋسترالىيە كۈندىلىك گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە مېكسىكا ساقچى تەرەپ مېكسىكىنىڭ جەنۇبىدىكى پورت شەھىرى ئاكاپۇلكودىكى بىر شەخسىي مەكتەپ دەرۋازىسى سىرتىدا ئالدىنقى كۈنى 5دانە ئاللىقاچان سېسىپ كەتكەن ئادەم بېشىنى بايقىغانلىقىنى دېگەن.ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئىپادە بىلدۈرۈپ بۇ مېكسىكىدىكى زەھەرلىك چېكىملىك زوراۋانلىرى سادىر قىلغان ئەڭ يېڭى ئانزە دېدى.
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر مېكسىكا ساقچىسى ئىپادە بىلدۈرۈپ بىر ئادەم بۇ شەھەرنىڭ جەنۇبىدىكى بېنىتو خۇالىس مەكتىپىگە يېقىن جايدا بىر ياغاچ ساندۇقنىڭ قويۇپ قويۇلغانلىقىنى ،ئىچىدە ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلۇپ كەتكەن 5نەپەر ئادەمنىڭ بېشى بارلىقىنى مەلۇم قىلغان.نۇرغۇنلىغان ئوقۇغۇچىلار ۋە يولدىن ئوتكەن ئادەملەر بۇ ئادەمنى شۈركۈندۈرىدىغان مەنزىرىنى كۆرۈپ شۇ جايدىكى ئادەملەرنى ئالاقزادە قىلىۋەتكەن .ساقچى تەرەپ بۇ ئادەم باشلىرىنى ئېلىپ كەتكەن ھەمدە نەق مەيداننى قامال قىلغان .
ئەكاپولو ساقچى تەرەپ بۇنىڭدىن ئىلگىرى 5دانە بېشى يوق جەسەتنى بايقىغان بولۇپ ئىچىدىكى 3ى بىر يۈك ماشىنىسىدىن بايقالغان بولۇپ جەسەت ئاللىبۇرۇن ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلۇپ كەتكەن .قالغان ئىككى جەسەت ماشىنىنىڭ سىرتىدىن بايقالغان.ساقچى تەرەپ بۇ ئادەم بېشى بەلكىم ئاشۇ جەسەتلەرنىڭ بېشى بولۇشى مۇمكىن دېدى.
بۇ شەھەر مېكسىكا شەھىرىدىن 300كىلومېتىر يىراقلىقتا بولۇپ مېكسىكىنىڭ تىنچ ئوكيان قىرغىقىدىكى مۇھىم پورتى ۋە ساياھەت ئورنى .بۇ يەر ئىلگىرى ھوللىۋود چولپانلىرىنىڭ يىغىلىدىغان جايى بولۇپ ،ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۈندىن -كۈنگە زوراۋانلارنىڭ زەھەر ئەتكەسچىلىك جېڭىدىكى جەڭ مەيدانىغا ئايلانغان .ئالدىنقى ھەپتە نەچچە مىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتچىلەر بۇ يەردە نامايىش قىلىپ مەكتەپ ئامانلىقىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولمىغانلىقىغا ئېتىراز بىلدۈرۈپ شۇ جاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ جاينىڭ بىخەتەرلىك مۇھىتىنى ياخشىلىشىنى ،زەھەر ئەتكەسچىلىرىگە زەربە بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.
بەش ھەپتە ئىلگىرى بۇ شەھەردىكى ئەڭ ئالدىراش كوچىدا ئۇچ ئادەمنىڭ كاللىسى سېلىنغان بىر سۇلياۋ خالتا بايقالغان .8-ئاينىڭ ئوتتۇرىدا زوراۋان ئۇنسۇرلار بىر ئەرنىڭ قورسىقىنى يېرىپ ئىچكى ئەزالىرىدا ھاراق چىلىغان.2006-يىل زەھەر ئەتكەسچىلىرىگە قارشى جەڭ باشلانغاندىن تارتىپ مېكسىكىدا ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ 41مىڭ ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان .
نەچچە سىكۇنت ئىچىدىلا يانفون ياكى ماشىنىلارغا توك قاچىلاپ ب...
يېڭىدىن سايلانغان<<چولپان ئەزالار>>مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى ت...
نەچچە يۈز مىليۇن قىپيالىڭاچ ھىندى مۇرتلىرى گانگا دەرياسىدا ...
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ئ...
رىم جۇڭگولۇقلار مەھەلىسىدىكى پۇل توشۇش ماشىنىسى بۇلاڭچىلار...