خەلقئارا ئالتۇن باھاسى قايتىدىن ئۆرلەشكە باشلىدى

0 2011-10-28 10:27:06   شىنخۇا تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

     چىكاگو 10-ئاينىڭ 25-كۈنى تېلېگراممىسى،مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ 26-چېسلا ئېچىلغان ياۋروپا يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ ياۋروپا قەرز كرىزىس مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئىشىغا نىسبەتەن گۇمانلىنىش پوزىتسىيىسىنىڭ بولغانلىقى سەۋەبىدىن،بازاردىكى يوشۇرۇن خەتەر ئەھۋالى تېخىمۇ كېڭىيىپتۇ،25-چېسلا خەلقئارا ئالتۇن باھاسى قايتىدىن ئۆرلەشكە باشلىغان بولۇپ،ھەر بىر ئانىس ئالتۇن (خەلقئارا ئالتۇن ئۆلچەم بىرلىكى) 1700 دوللار بولغان نۇقتىنى بۆسۈپ ئۆتۈپتۇ.

      شۇ كۈنى،نيۇيورۇك تاۋار ئالماشتۇرۇش مەركىزىدىكى ئالتۇننىڭ 12-ئايلىق توختامى ھەر بىر ئانىسى ئالتۇن 1700.4 دوللار قىلىپ بېكىتىلىپتۇ،ۋە ئالدىنقى قېتىملىق ئالماشتۇرۇشتىن 48.1 دوللار ئۆرلەپتۇ،ئۆرلەش نىسبىتى %2.9 بولۇپتۇ،ھەمدە ئۈچ كۈن ئۈزلۈكسىز ئۆرلەپتۇ.
     ئامېرىكا بەيلى مالىيە ئىقتىساد گۇرۇھىنىڭ تەھلىلچىسى زەيلىنىڭ دېيىشىچە،شۇ كۈندىكى بازارنىڭ ئاساسى نۇقتىسى بولسا يەنىلا ياۋروپا قەرز مەسىلىسى بولۇپ،مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئاساسى ئۈمىدى بولسا ياۋروپا يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ ياۋروپا قەرز كرىزىس مەسىلىسىنى ئۈزلۈكسىز ھەل قىلىشى ئىكەن،ئەمما يىغىندىكى ئاساسى ئەھۋاللارنىڭ كۆرسىتىشىچە، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ بۇ خىل ئۈمىدى يەنىلا قۇرۇق ئىش ئىكەن،ھەمدە مەبلەغ يەنە بىر قېتىم خەتەرلىك بولغان ئالتۇن بازىرىغا كىرىپ قاپتۇ.
 ئۇنىڭدىن باشقا،شۇ كۈنلۈك ئامېرىكا ئىقتىساد كۆرسەتكۈچى يەنە بىر قېتىم چېكىنىش گىردابىغا بېرىپ قالغان بولۇپ،ئالتۇن بازىرى ئۈچۈن تولۇقلاشنى تەلەپ قىلىدىكەن.
     ئامېرىكا  چوڭ شىركەتلەر بىرلەشمىسى يىغىنىدىكى ئېلان قىلىنغان دوكلاتلارنىڭ كۆرسىتىشىچە،10-ئايدىكى ئامېرىكا ئىستېمال كۆرسەتكۈچى 2009-يىلى 3-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيە نۇقتىسىغا چۈشۈپ قالغان بولۇپ،بۇ مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئامېرىكا ئىقتىسازلىقلار بازىرى بىلەن ئومۇمى ئىقتىساد كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدىنىڭ ناھايىتى تۆۋەن ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ بېرىدىكەن.
    شۇ كۈنى 12-ئايلىق ئاق ئالتۇن ئالماشتۇرۇش توختام باھاسى 1.408 دوللار ئۆرلىگەن بولۇپ،ھەر بىر ئانىس ئاق ئالتۇن 33.052 دوللاردىن يىغۋېلىنىپتۇ،ئۆرلەش نىسبىتى %4.45 بولۇپتۇ. 12-ئايلىق ئاق ئالتۇن ئالماشتۇرۇش توختام باھاسى 26.8 دوللار قىلىپ بېكىتىلگەن بولۇپ،ھەر بىر ئانىس ئالتۇن 1568.8 دوللاردىن يىغۋېلىنىپتۇ،ئۆرلەش نىسبىتى %1.7 بولۇپتۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博