

زاۋ لى يەن يانتۇ بولسىلا كىچىك ئۈستەلنى كۆرەلەيدۇ، ئۈستەلدىكى بېلىقدانغا، 6تال ئالتۇن بېلىق بار بولۇپ، زاۋ شاۋيۈ بىر تەرەپتە زوڭزىيىپ تۇرۇپ، ئابايا كىچىك چويلىدا سۈزۈۋالغان بېلىقنى بىر كونسېرۋا بوتۇلكىسىغا قويۇپ بېرىۋاتاتتى. " ئاپىسى، ئوغلۇم، چوڭ بېلىق بېلىجانلارنى بېلىق يېمى دەپ قاراپ يەپ كېتىدۇ، شۇڭلاشقا ئۇلارنى ئايرىم يەردە باق، ئەينەك بىلەن ئايرىپ قويساڭ ئۇلار كۈندە كۆرۈشەلەيدۇ دەۋاتاتتى ". زاۋ شاۋيۈ بىر ئاز ئارىسالدى بولۇپ بېلىقلارنى سوزۇۋاتاتتى. بۇ ئالتۇن بېلىقلارنى زاۋ شاۋيۈ ئۇزۇن يىل پالەچ بولۇپ يىتىپ قالغان ئاپىسى زاۋ لى يەنگە ئاتاپ باققان بولۇپ، ئاپىسى كارىۋاتتا يىتىپ كەشتىچىلىك قىلىپ ھارغاندا بېلىقلارغا قاراپ ھاردۇقىنى چىقىراتتى.
زاۋ لى يەن ئانا – بالا غۇلجا شەھىرى لى يۈەن ئولتۇراق رايونى 10 - نومۇرلۇق بىنا 5- كورپۇستا ئولتۇرىدىغان بولۇپ، 36ياشلىق زاۋ لى يەننىڭ سۆڭەك قاپلىق قۇرۇت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ پالەچ بولۇپ قالغىنىغا 12يىل بولغان ئىكەن. ئۈچ قېتىم ئوپېراتسىيە قىلدۇرغان بولسىمۇ، ئوپېراتسىيە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولماي، كۆكرەك قىسمىنىڭ تۆۋىنى پارالىچ بولۇپ قالغان بولۇپ، ئېرى ئۇنىڭ ھالىدىن 5يىل خەۋەر ئالغاندىن كىيىن، 2004 – يىلى يىل ئاخىرىدا زاۋ لى يەن ئانا – بالىدىن ئايرىلىپ كەتكەن. شۇنىڭدىن باشلاپ، زاۋ شاۋيۈ بۇ ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكىگە ئايلانغان.
زاۋ شاۋيۈ ھازىر غۇلجا شەھىرى يېزا ئىگىلىك 4- دېۋىزىيىسى 1-ئوتتۇرا مەكتىپىدە تولۇقسىز 1 – يىللىقتا ئوقۇيدۇ. " ئۆگىنىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ، كەچ ئۇخلاپ سەھەر تۇرمايدۇ ". بەش يېشىدىن باشلاپلا ئۆزىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئىلىۋاتقان ئوغلىغا قارىتا زاۋ ليەننىڭ باھاسىدا بىرمۇ ئارتۇقچىلىق بولمىسىمۇ، ئەمما چىرايىدىن دىل ئاراملىقى جىلۋىلىنەتتى.
زاۋ لى يەن سۆڭەك قاپلىق قۇرۇت كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندا، زاۋ شاۋيۈگە ھامىلىدار بولغان بولۇپ، ئالتە ئايلىق بولغان ئىكەن. " نۇرغۇن كىشىلەر ماڭا بالىنى تۇغماڭ دېگەن بولسىمۇ، بالام ئاللىبۇرۇن شەكىلگە كىرىپ بولغاچقا، قىيالمىغان " دېدى زاۋ لى يەن.
ھەمبەھىرلىنىڭ