ياپۇنىيە تېخنىكا بىلوگى Macotakara دا ئاشكارلىنىشچە ئالما شىركىتى Ipad3 تاختاي كومپىيۇتېرىنى كېلەر يىلى 3-ئايدا بازارغا سالىدىكەن ،ئۇلاش ئۈسكۈنىسىنىڭ كىچىك بولىشى سەۋەبىدىن ھازىرقى مەھسۇلات بىلەن ماسلىشىشچانلىقىدا ئازراق مەسلە بار ئىكەن .
Macotakara نىڭ دوكىلاتىدا بۇ جۇڭگۇ 1-ئاينىڭ 22 سىدىن 28 گىچە باھار بايرىملىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلدىكەن ،ئالما شىركىتى Ipad3 نى ئاللبۇرۇن ئىشلەپچىقىرىشقا تاپشۇردى ،جۇڭگۇدىكى زاۋۇتى 1-ئاينىڭ ئاخىردا ئىشلەپچىقىرىشنى باشلايدۇ دىيلىگەن .
ئاشكارلىنىشچە ھازىرقى Ipad بىلەن ئۇلىنىش پۇتى ئوخشاش بولۇپ ھەجىمى بىرقەدەر كىچىك ئىكەن ،بۇندىن باشقا Ipad3 نىڭ ئېكرانى بىلەن ھازىرقىسىنىڭ ئېكرانى ئوخشاش ئىكەن ،ئېكران ئېنىقلىق دەرىجىسىمۇ ھازىرقى مەھسۇلات بىلەن ئوخشاش .
ئالما شىركىتى ئايرىم -ئايرىم ھالدا 2010-يىلى 4-ئايدا ۋە 2011-يىلى 3-ئايدا بىرنجى ۋە ئىككىنجى ئەۋلات Ipad نى ئېلان قىلدى ،شۇ سەۋەپتىن كېلەر يىلى 3-ئايدا Ipad3 نى ئېلان قىلىش نىسبىتى بىرقەدەر يۇقىرى .
لېكىن ئۆزەك تەتقىقات شىركىتى Linley Group نىڭ قارىشىچە ئالما شىركىتى يېڭى مەھسۇلاتىغا A6 مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچىنى ئىشلىتىشى مۈمكىن ،بۇ سەۋەپتىن Ipad3 نىڭ تارقىلىش ۋاقتى 6-ئايغا كېچكتۈرۈلىشى مۈمكىنكەن .