كازافىينىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلىغان مۇبارەك قاتتىق يىغلاپ ھوشىدىن كەتتى

0 2011-10-25 12:28:17   شىنخۇا تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى


     مىسىر ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نەزەربەند قىلىنغان مىسىرنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى مۇبارەك لىۋىيە رەھبىرى كازافىينىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىك خەۋىرىنى كۆرۈپ قاتتىق يىغلاپ ھوشىدىن كەتكەن.

      مىسىر «لاڭجى تورى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نەزەربەند قىلىنغان مىسىرنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى مۇبارەكنىڭ سالامەتلىكى ئىزچىل ياخشى بولماي كەلگەچكە، دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان بولۇپ، 20-ئۆكتەبىر مۇبارەك دوختۇرخانىدا تېلېۋىزوردىن لىۋىيە رەھبىرى كازافىينىڭ ئۆلگەنلىك خەۋىرىنى كۆرگەندىن كېيىن قاتتىق ئازابلىنىپ يىغلاپ كەتكەن ۋە ھوشىدىن كەتكەن. خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، مۇبارەك ياتقان دوختۇرخانىنىڭ خەۋەرچىسى مۇنداق دېگەن:« مۇبارەك ئايلىنىپ كەتكەندىن كېيىن، ئەگەر دوختۇرلار جىددىي قۇتقۇزۇش چارىسى قوللانماي ئۇنىڭغا تىنچلاندۇرۇش دورىسى ئىچكۈزۈپلا بولدى قىلغان بولسا، مۇبارەك ئاللىقاچان ئۆلۈپ قالاتتى».

     مىسىردىكى بەزى تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، مۇبارەك كازافىينىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى كۆرۈپ قاتتىق يىغلاپ ھوشىدىن كەتكەنلىكى ئۇنىڭ ئۆزىنىڭمۇ كازافىيدەك كۈنگە قېلىشىدىن قاتتىق قورقۇپ كەتكەنلىكىدىن بولغان ئىكەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، مىسىرنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى مۇبارەك بىلەن لىۋىيە رەھبىرى كازافىينىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ۋاقتى ئوخشاشلا ئۇزۇن. كازافىي 42 يىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن، مۇبارەك بولسا 30 يىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى بەك يېقىن ئىكەن.

      ئىسرائىلىيە تېلېۋىزىيىسى 10-قانىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كازافىي ئۆلگەندىن كېيىن، مىسىرنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى مۇبارەك قاتتىق قورقۇپ كەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ مېڭىسى ئىقتىدارىنى يوقاتقان ئىكەن. خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، مۇبارەك ياتقان دوختۇرخانىدىكى خىزمەتچىلەر مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى:«مۇبارەكنىڭ مېڭىسى ئىقتىدارىنى يوقاتقان بولۇپ، دوختۇرلار كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ يەنىلا ئەسلىگە كەلمىگەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر