تۈركىيە ھۆكۈمىتى كورد ئىشچىلار پارتىيسىگە قاتتىق زەربە بېرىدۇ

0 2011-10-24 09:52:53   شىنخۇا تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

19-ئۆكتەبىر سەھەر،تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە قارشى كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ  قوراللىق ئۇنسۇرلىرى تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى خاكالى ئۆلكىسىنىڭ ھەربىي گازارمىسى ۋە ساقچىلار تۇرالغۇلىرىغا بىرلا ۋاقىتتا ھۇجۇم قىلىپ 48  ھەربىي ، ساقچىنىڭ قازا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.شۇ كۈنى تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئابدۇللا گۈل ھۆكۈمەتكە قارشى كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسىگە قاتتىق زەربە بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى .

   خاكالى ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى تۈركىرنىڭ ئېيتىشىچە، كۇرد ئىشچىلارپارتىيەسىنىڭ قوراللىق ئۇنسۇرلىرى 19-ئۆكتەبىر سەھەر،تۈركىيەدىكى خەۋپسىزلىكى قىسمىنىڭ گازارمىسى ۋە ساقچىلارنىڭ تۇرالغۇسى قاتارلىق سەككىز نىشانغا بىرلا ۋاقىتتا ھۇجۇم قىلغان . تۈركىيەھۆكۈمىتى 19-ئۆكتەبىرچۈشتىن بۇرۇن جىددىي يىغىن چاقىرغان، تۈركىيە زۇڭلىسى ۋە دىپلوماتىيە مىنىستىرىنىڭ چەت ئەلگە چىقىپ زىيارەت قىلىش پىلانىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان .
    ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى بىرقانچە ئايدىن بۇيان، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى رايونلارنى بېسىۋالغان كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسى تۈركىيەگە كىرىپ ، ھەربىي ، ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلغان ،ئوقۇتقۇچىلارنى تۇتقۇن قىلغان،تۈركىيە ھۆكۈمىتىمۇ ئۇلارغا ھاۋادىن كۆپ قېتىم ھۇجۇم قىلغان .
  كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسى-1979يىلى قۇرۇلغان بولۇپ ،قورال كۈچى ئارقىلىق تۈركىيە، ئىراق ، ئىران ۋە سۈرىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ چېگرىلانغان رايونىدا مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشنى مەقسەت قىلغان.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博