چەتئەل ئاخبارات ۋاستىسى ئۇنۋېرسال خەۋىرى:ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى شۇ يەر ۋاقتى 17-ئۆكتەبىر كەچ ئاشكارلىغان بىر ماتېريالىدا كۆرسىتىلىشىچە،ئەنگىلىيە ھەربىي تەرەپ 4 نەپەر قۇرامىغا يەتمىگە ئەسكەرنى ئۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىگە ئەۋەتكەن،بۇ خەۋەر دەرھال جامائەتچىلىكنىڭ دېققەت-ئېتىبارىنى قوزغىدى.
ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بەلگىلىمىسىدە 16-ياشتىن 17 ياشقىچە بولغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قىسىمغا قوبۇل قىلىنسا بولىدۇ ،ئەمما ئۇرۇش مەيدانىدا ۋەزىپە ئۆتۈشكە بولمايدۇ،-دەپ بەلگىلەنگەن.لېكىن ئەڭ يېڭى ماتېرىيالدىن كۆرسىتىلىشىچە،2008-يىلى 4-ئايدىن 2010-يىلى 3-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا ئەنگلىيە ھەربىي تەرەپ 4 نەپەر 18 ياشقا توشمىغان ئەسكەرنى ئىراق ئۇرۇشى ۋە ئافغانىستان ئۇرۇشىغا ئەۋەتكەن.بۇ ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ چەكلەش بۇيرۇقىغا خىلاپ بولۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئۆسمۈرلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشقا ئالاقىدار ئەھدىنامسىگىمۇ خىلاپ.
بۇ ئىشقا قارىتا،ئەنگلىيەدىكى كۆپ قىسىم ئۆسمۈرلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش تەشكىلاتلىرى ئەنگلىيە ھەربىي تەرەپنىڭ بۇ قىلمىشىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان.ئۇلار ھەتتا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىدىن قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ،قۇرامىغا يەتمىگەن ئۆسمۈرلەرنىڭ ئارمىيىگە قاتنىشىشىغا يول قويماسلىقنى تەلەپ قىلغان.باش شتابى ئەنگلىيەلىك لوندون شەھىرىدىكى خەيرى-ساخاۋەت تەشكىلاتى بولغان<<ئۇرۇش ئۆسمۈر>>بايانات ئېلان قىلىپ،ئۆسمۈرلەرنى ئەسكەرلىككە تولۇقلاش ئۇلارنىڭ ھوقۇقىغا قىلىنغان ئەڭ قورقۇنچلۇق چېقىلىش جىنايىتى،بۇ مۇتلەق ئىنتايىن روشەن بىر خىل خاتالىق،-دېدى.
ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى ئاندىلۇ روباسىن مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ،بۇ ئىش پەقەت <<ئامالسىزلىقتىن بولغان خاتالىق>>، بىز ئەسكەرلەرنى ئۇرۇش مەيدانىغا چوقۇم ئەۋەتىش بېسىمغا ئۇچرايمىز،ئاز ساندىكى ھەربىيلەر ئېھتىمال 18 ياشقا توشۇشتىن ئىلگىرى ئالدىنقى سەپ ئەۋەتىلىشى مۇمكىن،-دېدى.
روباسىن يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى:يۇقىرىقى 4 كىشى ئىچىدە ئىككى كىشى ئۇرۇش مەيدانغا ئەۋەتىلگەندە 18 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىگە پەقەت نەچچە كۈنلا قالغان،قالغان ئىككى كىشى ئۇرۇش مەيدانغا يېتىپ بارغان ۋاقىتتا يېشىنىڭ مۇۋاپىق كەلمەيدىغانلىقى بايقىلىپ،تۆتىسى ئۆز ۋاقتىدا ئەنگلىيەگە قايتۇرۇۋېتىلدى.شۇندىن كېيىن ھەربىي قىسىم قاتتىق بولغان ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىنى قوللاندى،2010-يىلى 3-ئايدىن ھازىرىغا قەدەر بۇنداق ۋەقە يۈز بەرمىدى.
ئەنگلىيە ھەربىي تەرەپ ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتىن كۆرسىتىلىشىچە،2010-يىلى تەخمىنەن 5000 نەپەر قۇرامىغا يەتمىگەن ئەنگلىيەلىك قىسىمغا قوبۇل قىلىنغان.ئافغانىستان ئۇرۇشىدا قۇربان بولغان ئەنگلىيە ئەسكەرلىرى ئىچىدە يېشى 18 ياشتىن 22 ياشقىچە بولغان ئەسكەرلەر قۇربان بولغان ئەسكەرلەر ئومۇمىي سانىنىڭ تۆتتىن بىرىگە يېقىنلاشقان.