ئەنگلىيەنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىسىدە جۇڭگو ئاۋىئاماتكىسىنىڭ تۇنجى سەپىرى

0 2011-10-19 10:12:52   شىنخۇا تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

8-ئاينىڭ 10-كۈنى ، جۇڭگونىڭ ئاۋىياماتكىسى سىناق قىلىندى . پىلانغا ئاساسەن ، تۇنجى قىتىملىق سىناق سەپەر ۋاقتى ئانچە ئۇزۇن داۋالماشماي ، قايتىپ كەلگەندىن كىيىن كىمىسازلىق زاۋۇتىدا ئۆزگەرتىپ قوراشتۇرۇش ۋە سىناش خىزمىتى ئىلىپ بىرىلدى . بۇ سۈرەتتىكىسى بولسا دالىيەندىكى جوڭگۇنىڭ ئاۋىياماتكىسى . (سۈرەتلىك ماتىريال ) شىنخۇا ئاگىنىتلىقى تارقاتقان .
ئەنگلىيە « جىنەنشى مۇداپىئە ھەپتىلىك ژۇرنىلى » تورىنىڭ10-ئاينىڭ12-كۈنىدىكى خەۋىرى تېمىسى :سۈنئىي ھەمرا سۈرىتىدە جۇڭگونىڭ ئاۋىئاماتكىسىدا مەسىلە بارلىقى ئاشكارىلاندى .
ئامېرىكىنىڭ سان-شىفىر يەرشارى شىركىتىنىڭ 2011-يىلى 7-ئايدىن 9-ئايغىچە تارتقان سۈنئىي ھەمرا سۈرىتىدە ئاشكارىلىنىشىچە ، جۇڭگو ئىگە بولغان سوۋېت ئىتتىپاقى ۋاقتىدىكى ئاۋىئاماتكىسى ئېھتىمال قىيىن مەسىلىگە دۇچ كەلدى ، ئەمما ئۇلار ئاشكارا ھالدا ئىشەنچىمىز تولۇق دېدى دېيىلدى .
جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ دېڭىز ئارمىيىسى 1998-يىلى سېتىۋالغان بۇرۇنقى " ۋاراڭگىي " ناملىق ئاۋىئاماتكا ، ئالتە يىللىق ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇلۇش ئارقىلىق ، 8-ئاينىڭ 10-كۈنى دالىيەن كېمىسازلىق ئېغىر سانائەت گۇرۇھىنىڭ كېمە ياساش زاۋۇتى ئۇنىڭ تۇنجى سەپىرىنى باشلىدى . بۇ ئاۋىئاماتكا خۇاڭخەي دېڭىزى ۋە بوخەي دېڭىزىدا 4كۈن سەپەر قىلغاندىن كىيىن ، 8-ئاينىڭ 13-كۈنى پورتقا قايتىپ كەلدى. ئەينى ۋاقىتتا ، جۇڭگو دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى بۇ ئاۋىئاماتكا " كۆزلىگەن نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇردى " دېدى .
 سان -شىفىر يەرشارى شىركىتىنىڭ 7-ئاينىڭ 31-كۈنىدىكى سۈنئىي ھەمرا سۈرىتىدە ئاشكارىلىنىشىچە ، بۇرۇنقى " ۋاراڭگىي " ناملىق ئاۋىئاماتكا پۈتۈشكە ئاز قالغان بولۇپ ، دېڭىزدا سىناق قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان بولۇشى مومكىن . ئۇچۇش پالۇبىسى ئۈستىدە رېمونت قىلىش ئۈسكۈنىلىرى ، ماتېرىياللىرى ۋە ئادەملەر يوق دېيەرلىك . ئۇچۇش پالۇبىسى ئۈستىدىكى توسۇق بەلگىسى قىسمەن پۈتكەن ، ئۈزۈك سىزىق بىلەن سىزىلغان ئاق چەمبەر بولسا ئېھتىمال 4-نومۇرلۇق تىڭ ئۇچار ئايروپىلاننىڭ قونۇش رايونى .
ئۇچۇش يولى بەلگىسى تېخى بەلگىلەنمىگەن بولۇپ ، ئۈچ دانە رېئاكتىپ ماتورنىڭ رېئاكتىپ توسۇق تاختىسى ئاللىبۇرۇن چىقىرىلغان . گەرچە SS-N-19 تىپلىق پاراخوتقا قارشى چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى قويۇپ بېرىش قۇرۇلمىسى تېخى ئورنىتىلمىغان بولسىمۇ ، ئەمما پۈركەپ قويۇلۇپ، كەلگۈسىدە جۇڭگودا ياسالغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى ئىشلىتىدىغان ۋاقىتتا قايتا قوزغىتىلىشى مومكىن .
سان -شىفىر يەرشارى شىركىتىنىڭ 8-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى سۈنئىي ھەمرا سۈرىتى ، بۇرۇنقى " ۋاراڭگىي " ناملىق ئاۋىئاماتكا تۇنجى سەپىرىنى تاماملاپ دالىيەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىنكى 9-كۈنىدە تارتىلغان بولۇپ ، بۇ سۈرەتتە ئاشكارىلىنىشىچە ، بۇ ئاۋىئاماتكا قۇرۇق دوكقا توختىتىپ قويۇلغان ، بۇ ئېھتىمال ئاۋىئاماتكىنىڭ تۇنجى سەپىرى ئېغىر مەسىلىگە يولۇققانلىقىدىن بېشارەت بېرىدۇ .
قۇرۇق دوكتىكى ئەھۋالى ، پورتنىڭ بىر تەرىپىگە يېقىنلىتىپ قويۇلغان ئاۋىئاماتكا قۇيرۇق قىسمىدىن، بەزى مەسىلىلەرنىڭ ئاۋىئاماتكا گەۋدىسى بىلەن ياكى ئىتتىرىش سىستېمىسى بىلەن ئالاقىدار ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ . ئۇچۇش پالۇبىسىنىڭ ئۈستىدە ، بىرىنچى نومۇرلۇق توسۇق ئارغامچىسى ۋە يانتۇ پالۇبىنىڭ يان تەرىپىدىمۇ ئەھۋال بار . رېئاكتىپ توسۇقنى چىقىرىش ، ئۇچۇش ۋە پاراخوت بەلگىسى تاماملانغان ، ئەمما تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ قونۇش رايونى بەلگىسى تېخى تاماملانمىغان .
پورتقا يېقىنلىتىپ قويۇلغان ئوڭ تەرەپتە ئانچە كۆپ ئەھۋال يوق ، بارلىق قورال سىستېمىلىرى سۇ ئۆتمەس رەخت بىلەن يۆگەپ قويۇلغان .
سان -شىفىر يەرشارى شىركىتىنىڭ 9-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى سۈنئىي ھەمرا سۈرىتىدە كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بار . تىيىلىشقا قارشى ئۇچۇش پالۇبىسىنىڭ سىرتقى قىسمى ئېچىۋېتىلگەن ، سىرتقى يۈزىنىڭ تۆۋەن تەرىپىگە يىڭىدىن سىنىڭ سېرىقىدا سىر بېرىلگەن بولۇپ ، 2005-يىلىدىكى ئۇچۇش پالۇبىسىنىڭ سىرتقى يۈزىنى بىر تەرەپ قىلىشتا مەسىلە بارلىقى بىلدۈرىدۇ .
سان -شىفىر يەرشارى شىركىتىنىڭ 10-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى سۈنئىي ھەمرا سۈرىتىدە كۆرسىتىلىشىچە ، خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ۋە دالىيەن كېمىسازلىق ئېغىر سانائەت گۇرۇھىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى يېرىم ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتا ، ئۇچۇش پالۇبىسىنىڭ سىرتقى يۈزىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەھەتتە ئىلگىرىلەشكە ئېرىشكەن .سىيرىلىپ ئۇچۇش يولىنىڭ سىرتقى يۈزى تاماملانغان ، ئەمما يانتۇ قونۇش پالۇبىسىنىڭ سىرتقى يۈزىنىڭ رەڭگى ۋە ئىزنالىرى ئوخشىمىغان . پورتقا يېقىنلىتىپ قويۇلغان تەرىپىدىكى لىفت ۋە ئوڭ تەرىپىدىكى بىر قەۋەت سىستېمىلارنىڭ بىر قىسىم ئۇچۇش پالۇبىسىغا تەگ سىر بېرىلگەن ، ئەمما ئۈستۈنكى سىرى بېرىلمىگەن .
ئومۇملاشتۇرغاندا ، بۇ سۈرەتلەردىن شۇنى بىلگىلى بولىدۇكى ، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ۋە دالىيەن كېمىسازلىق ئېغىر سانائەت گۇرۇھىنىڭ بۇ ئاۋىئاماتكىنى قايتىدىن قوزغىتىشى ئۇلارنىڭ دەسلەپتە ئويلىغىنىدىن قىيىن بولغان . ئەمما شۇنداق چوڭ ۋە مۇرەككەپ بىر قۇرۇلۇشقا نىسبەتەن ئېيتقاندا ، بۇ كىشىگە تاسادىپىيلىق ھېس قىلدۇرمايدۇ .

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博