100 ياشلىق بوۋاي مارافونچە يۈگۈرۈپ جىنس دۇنيا رېكورتى ياراتتى

0 2011-10-18 11:09:14   شىنخۇا تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

            

           بېيجىڭ ۋاقتى 17-ئۆكتەبىر، ئامېرىكا ئاگېنتلىقى خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل 100 ياشقا كىرگەن ھىندىستانلىق كۆچمەن شېنگى 16-ئۆكتەبىردىكى تورونتو مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسىنى مۇۋاپىقىيەتلىك تاماملاپ، پۈتۈن دۇنيادىكى مارافونچە يۈگۈرۈش مۇساپىسىنى بېسىپ تۈگەتكەن ئەڭ قېرى مۇسابىقىگە قاتناشقۇچى ماھىر بولۇپ قالدى. گەرچە شېنگىنىڭ سەرپ قىلغان ۋاقتى 8 سائەتتىن ئېشىپ كېتىپ، بۇ تۈرلۈك مۇسابىقىنىڭ چېمپىيونى كىنىيلىك ماھىر موئىنگارادىن 2 سائەت ئارقىدا قالغان بولسىمۇ، بىراق شېنگىنىڭ مۇۋاپىقىيىتىنى يەنىلا ھۆرمەتلەشكە ئەرزىيدۇ. خەۋەرلەرگە قارىغاندا شېنگى بۇ نەتىجىسىگە تايىنىپ، جىنس دۇنيا رېكورتى تىزىملىكىگە قوبۇل قىلىنغان.

            شېنگى ئەڭ ئاخىرقى نوقتىغا يېتىپ باراي دېگەندە، خىزمەتچى خادىملار ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرقى پەللە يېنىدىكى ئېلان تاختىسىنى چىقىرىپ تاشلىدى، مەقسىتى ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ، 100 نەچچە مېتر ئارىلىقنى قىسقارتىپ بېرىش. ھەمدە ئۇنىڭ ئۆيدىكىلىرى، دوستلىرى ھەمدە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى  ئۇنىڭ كېلىشى بىلەن بىللە بۇ ئۇلۇغ رېكورتنى تەبرىكلەش ئۈچۈن  ئەڭ ئاخىرقى پەللىدە ساقلاپ تۇرغانىدى.

            بۇ خىلدىكى رېكورتنى يارىتىشقا نىسبەتەن كىشىنىڭ ھەقىقەتەن ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ. شېنگىنىڭ ترېنېرى ھەم تەرجىمانى بولغان كىشىنىڭ دېيىشىچە، ئۇمۇ بۇنداق بولۇشىنى ئويلاپ باقمىغان ئىكەن، تەرجىمان :«شېنگى ئۆزىنىڭ مۇسابىقىدىن بۇرۇن ئويلىغان نەتىجىسىدىن ھالقىپ كەتتى، ئىنتايىن ھاياجانلاندى. خېلى بۇرۇنلا ئۇ ئەگەر ئاخىرقى نوقتىغا يېتىپ بارالىسا، ئاشۇ چاغدىكى ھېسيات خۇددىي ئىككىنچى قېتىم توي قىلغاندىكىگە ئوخشاش ناھايىتى گۈزەل بولىدۇ دېگەنىدى، شىنگى ئىنتايىن خوشال بولدى، چۈنكى مارافونچە يۈگۈرۈش مۇساپىسىنى بېسىپ تۈگىتىش ئۇنىڭ ئۆمۈرلۈك ئارزۇسى» دېدى. 

           تورۇنتو مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى شېنگىنىڭ 8- قېتىملىق بۇ تۈردىكى مۇسابىقىگە قاتنىشىشى بولۇپ، ئۇ تۇنجى قېتىم مارافونچە  يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ۋاقتىدا 89 ياشتا ئىدى، ھەمدە ئۇ ھەر قېتىم مۇسابىقىگە قاتناشسا، يېڭى تۈردىكى رېكورت يارىتىدۇ.  2003-يىلىدىكى تورونتو مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە شېنگى قاتناشقان بولۇپ، نەتىجىسى 5 سائەت 40 مىنۇت، 01 سېكۇنت. بۇ يىلقى تورۇنتۇدىكى مۇسابىقىدە شېنگىنىڭ مۇسابىقىنى تاماملىغان نەتىجىسى 100 ياشتىن يۇقىرى بولۇش رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى.

         مۇسابىقىدىن كېيىن شىنگى ئىپادە بىلدۈرۈپ 2012-يىلىدىكى لوندون ئولىمپىك يىغىنىنىڭ مەشئەل يەتكۈزۈشىگە قاتنىشىش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن. ھەمدە ئۇ 2004-يىلىدىكى ئافىنا ئولىمپىك يىغىنىدا مەشئەل يەتكۈزۈشكە قاتناشقان.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博