
ئىتالىيە زۇڭلىسى بېرلوسكونى تۈنۈگۈن ئاۋام پالاتاسىدا سۆز قىلىپ، ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرمەي،بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتكە داۋاملىق يىتەكچىلىك قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
مۇشۇ ئاينىڭ 11-كۈنى بېرلوسكونى ھۆكۈمىتى سۇنغان خامچوت دوكلاتى ئاۋام پالاتاسىدا بىر ئاۋازنىڭ كەم بولىشى بىلەن ماقۇللانمىدى. ھاكىمىيەت سىرتىدىكى پارتىيەلەر ھۆكۈمەت پارلامېنتتا ئۈستۈن ئورۇندا تۇرالمىدى، شۇڭا بېرلوسكونى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشى كېرەك دەپ قارىدى. ئارقىدىن بېرلوسكونى :خامچوت دوكلاتىغا تۈزىتىش كىرگۈزگەندىن كىيىن 14-ئۆكتەبىر ئاۋام پالاتاسىدا ئاۋاز بېرىشكە قايتا سۇنىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھۆكۈمەتكە ئېشىنىش ئاۋاز بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزىمىز دېدى . ئەگەر ھۆكۈمەت پارلامېنتنىڭ ئېشىنىش ئاۋازىدىن ئۆتەلمىسە، بېرلوسكونى ھۆكۈمەتنى تارقىتىۋېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئىتالىيە مۇددەتتىن بۇرۇن چوڭ سايلام ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولىشى مۇمكىن.
ھەمبەھىرلىنىڭ