«ۋال سىترىتنى ئىگىلەش» ھەرىكىتى ياۋروپاغىچە يامرىدى، گېرمانىيە، ئىتالىيەدىمۇ نامايىش بولدى

0 2011-10-17 09:57:46   شىنخۇا تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

           

              ئىتالىيەنىڭ پايتەختى رىم، كىشىلەر كۆيدۈرىۋېتىلگەن ماشىنىنىڭ يېنىدا تۇرماقتا. شۇكۈنى ئىتالىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيە، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى چوڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزۈپ، پۇل-مۇئامىلە كىرزىسىنىڭ ئاۋام خەلققە ئېلىپ كەلگەن سەلبىي تەسىرىگە ئېتىراز بىلدۈردى. نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا قاتتىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندىمۇ 70 كىشى يارىلاندى. يۇقىرىقى رەسىمنى شىنخۇا ئاگېنتلىقنىڭ مۇخبىرى ليۇجىياڭ تارتقان.

 «ۋال سىترىتنى ئىگىلەش ھەرىكىتى» ئامېرىكىدا پارتىلىغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە 1 ئايدەك ۋاقىت ئۆتتى. شۇ جاي ۋاقتى 15-ئۆكتەبىر چۈش سائەت 12دە، تەخمىنەن 5000غا يېقىن گېرمانىيە ھەر ساھە خەلقى فرانكىفورتتىكى گوت مەيدانىدا «ياۋروپا مەركىزى بانكىسىنى ئىگىلەش» ئاساسىي تېما قىلىنغان نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ باردى.  مەزكۇر تور جۇڭگو خەلقئارا رادىئو ئىستانسىسىنىڭ گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق مۇخبىرى كۇڭ جيې بىلەن ئالاقىلەشتى.
مۇخبىر مۇنداق دېدى: شۇ جاي ۋاقتى 15-چېسلا، ئامېرىكىدا پارتىلىغان «ۋال سىتىرىتنى ئىگىلەش» ھەرىكىتى گېرمانىيەنىمۇ قاپلىدى. پەقەت فرانكفورتتىكى ياۋروپا مەركىزى بانكىسى ئالدىدىلا 5000غا يېقىن نارازىچىلار يىغىلدى. ئۇلارنىڭ پلاكات كۆتۈرۈپ، شوئار توۋلاپ نامايىش قىلىشتىكى ئاساسلىق نىشانى بانكا كەسپى بىلەن ھازىر ياۋروپادا يامرىغان ياۋروپا قەرز كىرزىسىنى بايقۇت قىلىش ئىدى. گېرمانىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گېرمانىيەدىكى يەرشارىلىشىشقا قارشى تەشكىلات ئاتاكېنىڭ ئاخبارات باياناتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، نەچچە ئاي ئىلگىرى مۇشۇ شەنبىدە نامايىش قىلىش پىلانلانغان چاغدا، بۇنچىلىك كۆپ كىشىنىڭ قاتنىشىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن، شۇنداقلا ئاساسىي تېمىسىمۇ «فرانكىفورتنى ئىگىلەش» ئەمەس ئىكەن. نامايىشچىلارنىڭ قارىشىچە، سىياسىيونلارنىڭ قىلىۋاتقىنى پەقەت ياۋروپانى بىر-بىرلەپ كىرزىسقا پاتۇرۇش بولۇپ، ئاقىۋەت زىيانكەشلىككە ئۇچرايدىغىنى يەنىلا جەمئىيەتتىكى ئاشۇ تۆۋەن كىرىملىك كىشىلەر بولىدىكەن. فرانكىفورتتىن باشقا، يەنە بېرلىندىمۇ مىڭدىن ئوشۇق ئادەم مىنىستىر مەھكىمىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش قىلغان. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، مۇشۇ شەنبە كۈنىدىلا پۈتكۈل گېرمانىيەنىڭ 50تىن ئوشۇق شەھىرىدە چوڭ-كىچىك نامايىشلار بولغان.
گېرمانىيەنىڭ فرانكىفورت، كونن، بېرلىن قاتارلىق شەھەرلىرىدىن تاشقىرى، فرانسىيە، ئىسپانىيە، ئىتالىيە، ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئاساسلىق شەھەرلىرىدىمۇ خۇددى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش نامايىشلار بولغان. ئىتالىيەنىڭ پايتەختى رىمدا 15-چېسلا «غەزەپلەنگۈچى» دەپ ئاتالغان نامايىش پارتىلىغان. مەزكۇر تور جۇڭگو خەلقئارا رادىئو ئىستانسىسىنىڭ ئىتالىيەدە تۇرۇشلۇق مۇخبىرى ۋاڭ شىن بىلەن ئالاقىلەشتى.
 شۇكۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 2 لەر ئەتراپىدا، ئىتالىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ياش ئوقۇغۇچىلار، ئىشسىزلار، ۋاقىتلىق ئىشلەمچىلەر ۋە ھەرقايسى ساھەدىكى زاتلاردىن بولۇپ نۇرغۇن كىشى رىمدا زور داغدۇغىلىق نامايىش ئۆتكۈزدى. ئىگىلىنىشىچە، شۇ كۈندىكى نامايىشقا قاتناشقانلار سانى 150مىڭغا يېتىدىكەن. نامايىشچىلار دۆلەتنىڭ قەرزدارلىق كىرزىسىگە پېتىپ قالغانلىقىغا غەزەپلەنگەن بولۇپ، «قەرزدارلىق تالونىغا كۆمۈلۈپ ياشاشنى خالىمايمىز!»،«قەرز قايتۇرۇش ئاجىز ئاممىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرىۋەتسە بولمايدۇ» دېگەن خەتلەر يېزىلغان پىلاكاتلارنى كۆتۈرىۋىلىشىپ، نەچچە كۈن ئىلگىرى ھۆكۈمەتنىڭ ماقۇللىغان ئىككى تۈرلۈك 11مىليارد ياۋرولۇق مالىيە قىسقارتىش پىلانىغا قارىتا نارازىلىقىنى ۋە نەپرىتىنى بىلدۈرگەن. بۇ قېتىملىق رىمدىكى نامايىش پۈتۈن دۇنيادىكى 82 دۆلەتتىكى 951شەھەردە بىرلا ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش بىلەن ئوخشاش ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلگەنىدى.
ئۇندىن باشقا ئىتالىيە زۇڭلىسى بېلوسېكىن ئەمدىلا ئاۋام پالاتانىڭ ئىشەنچ بېلىتىدىن ئۆتكەن چاغدا، ئۆكتىچىلەرمۇ نامايىشچىلارغا قوشۇلۇپ كەتكەچكە، رىمدىكى ساقچى تەرەپ قاتتىق پوزىتسىيە تۇتۇپ، 2000 دىن ئارتۇق ساقچىنى يۆتكەپ كېلىپ، نامايىشنىڭ تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، تىك ئۇچار بىلەن بوشلۇقتا تۇرۇپ كۆزىتىش، ئىتالىيە بانكىسى قاتارلىق پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرى، ھۆكۈمەت تارماقلىرى قاتارلىق مۇھىم جايلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش تەدبىرىنى ئېلىپ بارغان. ئەمما بۇ تىنىچ ئېلىپ بېرىلغان نامايىش ئاخىرىغا بارغاندا قالايمىقانچىلىققا ئايلانغان. نامايىشچىلار ئارىسىدىن قارا كىيىم كىيگەن بىر توپ كىشىلەر يول بويىدىكى ئەسلىھەلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئاپتوماتىك پۇل ئالغۇنى چېقىپ، قۇرۇلۇشلارغا تاش ئاتقان، ھەتتا ساقچى ماشىنىسىنى كۆيدۈرىۋەتكەن بولغاچقا، ساقچىلار ئامالسىز ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئېتىپ، نامايىشچىلارنى تارقاقلاشتۇرغان. پۈتكۈل توقۇنۇشتا تەخمىنەن 20دەك نامايىشچى يېنىك يارىلانغان. رىمنىڭ شەھەر باشلىقى ئالەيمانو مۇنداق دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن: رىم نامايىشنىڭ تىپتىنچ ئېلىپ بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، بولمايدىكەن، غەزەپلىنىدىغىنى رىم شەھەر ئاھالىسى بولۇپ قالىدۇ.
 يېقىندىن بۇيان، پۈتكۈل ئىتالىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئوخشاشمىغان «غەزەپلەنگۈچىلەر» نامايىش قىلغان بولۇپ، رىم، ۋېنىتسىيە، پولونىيە، مىلان قاتارلىق جايلاردىكى بولۇنغان نامايىشلاردا، نامايىشچىلار ئىتالىيە بانكىسى قاتارلىق پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرىغا بۆسۈپ كىرگەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博