ئۆزىنىڭ «ئازاد زامان»، «زەپمۇ چىرايلىق كەلدى باھار »، «ئانا مېھرى»، «تاغ سۇلىرى» قاتارلىق بىر تۈركۈم نادىر ناخشىلىرى بىلەن شىنجاڭ خەلقىنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان، «تەڭرىتاغ بۇلبۇلى» دېگەن پەخىرلىك نامى بىلەن مەملىكەت ئىچى ھەتتا خەلقئاراغا تونۇلغان، ئاتاقلىق سەنئەتكار پاشا ئىشان ئۆزىنىڭ پۈتۈن ئۆمرىنى، زېھنىي قۇۋۋىتىنى ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ يۈكسىلىشى ئۈچۈن سەرپ قىلىپ كېلىۋاتقان ئوت يۈرەك سەنئەتكاردۇر.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى ئۇيۇشتۇرغان، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ناخشا–ئۇسسۇل ئۆمىكى، ئوپېرا–تىياتىر ئۆمىكى، مىللىي مۇزىكا ئۆمىكى، شىنجاڭ كۈي سۆيەر ئوركىستېرى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە تەشكىللىگەن «تەڭرىتاغ بۇلبۇلى — پاشا ئىشان سەنئەت كېچىلىكى» 2011–يىلى 10–ئاينىڭ 11–كۈنى كەچ ، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى . بۇ كېچىلىك — پاشا ئىشاننىڭ ئۇزۇن يىللىق سەنئەت ھاياتىغا ئوقۇلغان بىر قېتىملىق كاتتا مەدھىيە ھېسابلىنىدۇ. بۇ قېتىمقى كېچىلىكتە سەھنە ئورۇنلاشتۇرۇش، دېكىراتسىيە، رېژىسسورلۇق، رىياسەتچىلىك قاتارلىقلاردا ئۆزگىچىلىك نامايان قىلىنغان بولۇپ، تاماشىبىنلار پاشا ئىشاننىڭ نادىر ناخشىلىرىدىن ھۇزۇرلىنىش بىلەن بىرگە يەنە، سەھنىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان چوڭ ئېكراندىن شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى بەدىئىي مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتقان تۈرلۈك سۈرەتلەر، جۈملىدىن ۋاپات بولۇپ كەتكەن، دەم ئېلىشقا چىققان سەنئەتكارلارنىڭ ھەرخىل سەھنە ۋە سورۇنلاردا نومۇر ئورۇنداۋاتقان، تۇرمۇش ئۆگىنىۋاتقان چاغدىكى سۈرەتلىرى ۋە تەسىرلىك كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈپ، ئۇلار بىلەن سىردىشىۋاتقاندەك، ئۇلارنىڭ بېسىپ ئۆتكەن شانلىق ھايات كارتىنىسىنى كۆرگەندەك بولدى .
بۇ كېچىلكتە پاشا ئىشان ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان ناخشىلىرىدىن «ئازاد زامان»، «گۈزەل ئىلى»،«ئاھ ئۇرارمەن»،« زەپمۇ چىرايلىق كەلدى باھار»، «ئانا مېھرى»، «ۋەتەنگە مەدھىيە»، «سېغىنىپ كەلدىم»، «تاغ سۇلىرى» قاتارلىقلارنى ئورۇنداپ، بەختىيار زامانىمىزنى ، يۇرتىمىزنىڭ گۈزەل تاغ–دەريالىرىنى، ئاتا–ئانىغا بولغان ۋاپادارلىقىنى، ئۆز يۇرتىغا بولغان كۈچلۈك سېغىنىش ھېسسىياتىنى، پەسىللەرنىڭ سەركىسى بولغان باھاردىكى خۇشاللىقىنى ئىپادىلىدى. قىسقىسى، بۇ كېچىلكتە ئېيتىلغان ناخشىلار تاماشىبىنلار قەلبىدە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىراتلارنى قالدۇرۇپ، ئۇلارغا سەنئەتنىڭ ھەقىقىي سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇردى .