ھىندىستاندىكى قارا يامغۇر 31ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

0 2011-09-27 10:37:37   شىنخۇا تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
    ھىندىستاندىكى  قارا يامغۇر ئوتتار پىرادىش شىتاتىدىكى نۇرغۇن لايدىن ياسالغان ئويلەرنىڭ ئورۇلۇپ كېتىشىنى چىقىرىپ ئاز دىگەندە 31ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
جۇڭگو رادىئو تورىنىڭ بۇگۇنكى خەۋىرىدە ھىندىستاندىكى ئالدىنقى ھەپتىىنىڭ ئاخىرىدىكى قارا يامغۇر ئوتتار پىرادىش شىتاتىدىكى نۇرغۇن لايدىن ياسالغان ئويلەرنىڭ ئورۇلۇپ كېتىشىنى چىقىرىپ ئاز دىگەندە 31ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى دېيىلدى.
    خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئوتتار پىرادىش شىتاتى زىيانغا ئۇچرىغان ھەربىر ئائىلىگە 2200ئامىركا دوللىرىدىن نەپىقە پۇلى بېرىشنى قارار قىلغان.
قۇتقۇزۇش خادىملىرى نوۋەتتە ئاپەتكە ئۇچرىغان ئوتتار پىرادىش شىتاتىنىڭ شەرقى قىسمىدىكى تاغلىق رايونغا  قاراپ ئىلگىرلەۋاتىدۇ،ئەمما قارا يامغۇر ئۇلارنىڭ سەپىرىگە توسالغۇلارنى ئېلىپ كەلمەكتە،مىترولوگىيە تارماقلىرىنىڭ مولچەرىگە قارىغاندا بۇ قارا يامغۇر 28-چىسلا ئەتراپىغىچە داۋاملىشىدىكەن .
   قارا يامغۇر يەنە  چان داۋلى رايونىدىكى 50تىن ئارتۇق كەنتنىڭ كەلكۇن ئاستىدا قېلىشىنى كەلتۇرۇپ چىقارغان بولۇپ  گانگ دەرياسى قاتارلىق كوپ قىسىم  ئېقىنلارنىڭ سۇ ئورنى  ئاگاھلاندۇرۇش سىزىقىدىن ئېشىپ كەتكەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博