چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ تۈنۆگۈن خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا، 10 ياشقىمۇ كىرمىگەن ئىككى ئوغۇل بالىنىڭ قەپەز ئىچىدە ئېلىشقانلىقى توغرىسىدىكى بىر كۆرۈنمە چاستوتا توردا كەڭ تارقىلىپ، زور غۇلغۇلا پەيدا قىلغان. بالىلار سەككىز بۇرجەكلىك بىر قەپەز ئىچىدە پەشۋا ئېتىشىپ، ئىتتىرىشىپ ھەتتا پومداقلىشىپ كەتكەن، ئەتراپتىكى قۇرامىغا يەتكەن تاماشىبىنلار بولسا ھاياجانلىنىپ، چۇقان سالغان. مۇسابىقە جەريانىدا نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلار پەقەت بالىلارنى رەقىبىنى تېزرەك يىقىتىشقىلا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئامانلىقىنى ئويلىشىپمۇ قويمىغان.
خەۋەر قىلىنىشىچە، كۆرۈنمە چاستوتىدىن قارىغاندا، ھەر ئىككى بالا ھېچقانداق قوغدىنىش ۋاستىسى ئىشلەتمىگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە، 9 ياشلىق جىئان ماركىنسېن 9 ئايلىق قەپەزدە ئېلىشىش تەجرىبىسىگە ئىگە ئىكەن، يەنە بىر 8 ياشلىق بالا بىر قانچە نۆۋەت ئېلىشىشتىن كېيىن، يارىلىنىپ ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتكەن، لېكىن دوختۇر ئۇنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، داۋاملىق مۇسابىقىلەشسە بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئىگىلىنىشىچە، بۇ بالىلارنى ئۆزلىرىنىڭ دادىلىرى تەربىيەلەپ مۇسابىقىگە قاتناشتۇرغان ئىكەن.
بالىلار بىخەتەرلىكى خەير- ساخاۋەت تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى پاۋلو كارتېر: «ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى بۇنداق ۋەھشىي مۇسابىقىگە قاتناشتۇرغانلىقىغا ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ. بۇ نېمىدېگەن يىگىنچلىك قىلمىش. مەن ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئورگانلىرىنىڭ بۇ ئىشقا ئارىلىشىشىنى ئىلتىماس قىلىمەن» دېگەن.
ئەنگىلىيەلىك 10 ياشقىمۇ توشمىغا ئىككى بالىنىڭ قەپەز ئىچىدە ئ...
كولومبىيە ساقچى تەرەپ زەھەر ئەتكەسچىلىرىنىڭ بىر سۇ ئاستى كې...
لىۋىيە تىرىپولىدىكى بىر قورال -ياراغ ئىسكىلاتىدا پارتىلاش ي...
گېرمانىيەلىك ماشىنا ھەۋەسكارى كېرەكسىز تۆمۈر-تەسەكتىن 60 مى...
لىۋىيەدە ھاكىميەت يۈرگۈزۈۋاتقان ھۆكۈمەتنىڭ قوراللىق قىسمى ...