دۇنيادىكى ئالۋاستى غارى دەپ نام ئالغان تۈرمە

1309 2011-09-23 11:12:34   65933.com   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      1. ئالكاتېلراز تۈرمىسى: بۇ تۈرمە دۇنيادىكى ئەڭ قورقۇنچلۇق تۈرمىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ «ئالۋاستى ئارىلى» دېگەن نامى بار. بۇ تۈرمە تاشقى دۇنيا بىلەن مۇناسىۋىتى ئۈزۈلگەن بىر ئارالغا سېلىنغان بولۇپ، بۇ تۈرمىدىن قېچىش دېگەن پۈتۈنلەي قۇرۇق گەپتىن ئىبارەت. بۇ تۈرمىدە تۇرغان جىنايەتچىلەر ئىككى-ئۈچ يىلدىلا كاللىسىدىن كېتىپ، قىپقىزىل ساراڭغا ئايلىنىپ كېتىدىكەن. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، بۇ خىل ئەھۋاللارنى تۈرمە ساقچىلىرىنىڭ خالىغانچە ھەمدە ھەددى خورلاشتىن كېلىپ چىقىدىكەن.

 

    2. ئېئاسىت سىتاتى تۈرمىسى: بۇ جاي بارلىق مەھبۇسلارنى قارا باستۇرىدىغان جاي ئىكەن. تۇتۇپ كېلىنگەن بارلىق جىنايەتچىلەر بۇ جايدا ئۆز كۆڭلىنى خۇش قىلىدىغان ئىش-پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانسا بولمايدىكەن. ئۇلار گەپ قىلسا، ناخشا ئېيتسا، ھەتتا بىر-بىرى بىلەن پىكىرلەشسىمۇ ئۇلارنى ئاچ قويۇپ جازالايدىكەن. مەزكۇر تۈرمە 1971-يىلى تاقالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىچىدىكى قەبرىلەرگە خاس تىمتاسلىق ۋە ئازاب ئۇنى خۇددى جان ئالدىغان تۆمۈر قەپەسكە ئايلاندۇرۇپ قويغان.

     3.روللىنىس تۈرمىسى: مەزكۇر تۈرمىمۇ ناھايىتى قورقۇنچلۇق بولۇپ، 1980-يىلى تاقالغان. بۇ يەرنى ساياھەت قىلغانلار بىر خىل ۋەھىمىلىك خىياللار قوينىغا غەرق بولىدىكەن. ئۇنىڭ ئىچىدە مۇنچا، ئىبادەت ئۆيى قاتارلىق بار بولۇپ، ئادەم خۇددى ئالۋاستىلارنىڭ قارىسىنى كۆرگەندەك قورقۇپ كېتىدىكەن.

 

       4. مانسفىيېلد تەربىيىلەش يۇرتى: مەزكۇر تۈرمىنىڭ ئىسمى بىر قەدەر يېقىملىق بولۇپ، بۇ تۈرمە 1896-يىلىدىن 1990-يىلىغا بولغان ئارىلىقتا ئىشلىتىلگەن. ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ 150 مىڭدىن ئارتۇق ياش جىنايەتچىلەر سولانغانىدى. مەزكۇر تۈرمە تەسىر قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ياش جىنايەتچىلەرنى تەربىيىلەشنى ئاساس قىلغاندەك قىلسىمۇ، ئەمما ئىش باشقىچە ئىدى. بۇ يەردە يۈز كۈندە دېگۈدەك يۈز بېرىپ تۇرىدىغان ئىشلارنى پەقەت زورلۇق قىلىش، ھايۋان كەبى خورلاش، ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈش قاتارلىق سۆزلەرگە يىغىنچاقلاشقا بولاتتى. چۈنكى بۇ جايدىن ئەينى ۋاقىتتا ئۆتكەن كىشىلەر بۇ جايدىكى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنغان ياشلارنىڭ پىغانلىق ئۆلۈم ناخشىسىنى ئاڭلىيالايتتى.

 

    5. شىۋىجىرنىيە تۈرمىسى: مەزكۇر تۈرمىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى خۇددى قەدىمىي قۇرغانغا ئوخشايدىغان بولۇپ، ئۇ 1876-يىلى رەسمىي ئېچىۋېتىلىپ، 1995-يىلىغا كەلگەندە تاقالدى. ئەينى يىللىرى بۇ تۈرمىگە جىنايىتى ناھايىتى ئېغىر جىنايەتچىلەر سولىناتتى. 129-يىل ئىچىدە، جىنايىتى ئېغىر دەپ قارالغان نەچچە يۈز مىڭلىغان جىنايەتچى مۇشۇ يەرنى ئۇ دۇنياغا بېرىشتىكى «بېكەت» قىلغانىدى.



ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر