قاپيۈرەك سەتەڭ نەچچە ئون مىڭ سۈۋەرەك بىلەن بىللە«دەپنە»قىلىندى

1247 2011-09-19 09:54:59   شىنخۇا تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      بۇنداق كۆرۈنۈشنى كۆرگەن ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ بەدەنلىرى تىكەنلەشمەي قالمايدۇ، ئەمەلىيەتتە قورقۇشنى بىلمەيدىغان خوپكىنىس ئادەتتىكىلا بىر ئادەم بولۇپ، ئۇنىڭ بىلدۈرىشىچە ھەرقانداق بىر ئۆمىلىگۈچى ھايۋاندىن قورقىدىكەن . بىراق ئۇ بۇ خىل قورقۇشنى يېڭىپ ، جەسەت ساندۇقىداسۈۋەرەك بىلەن بىللە10مىنۇت تۇرۇشقا جەڭ ئېلان قىلغان .

      خوپكىنىس بۇ يىل The Apprentice پىروگراممىسىدا نام چىقارغانلىقى ئۈچۈن بۇ قېتىم ئاممىنىڭ بىلەت تاشلىشى بىلەن بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىتىگە مۇيەسسەر بولالىغان . مۇسابىقىدە ئۇ ئاۋۋال ئالماس ساندۇقنىڭ ئىچىگە كىرگەندىن كىيىن ئاندىن ئۇنى يەر ئاستىغا كۆمگەن.ئۇ:«ئەگەر مېنى ھەقىقەتەن ئەڭ قورقۇنۇچلۇق چۈش بىلەن جازالىماقچى بولسا ، مانا مۇشۇنىڭ ئۆزى شۇ .مېنىڭچە ئەمدى ئوغۇل بالىدەك بولىدىغان ۋاخ بولدى »دېدى.

     خوپكىنىس ئالماس ساندۇقتا يەر ئاستىغا يالغۇز كۆمۈلمەستىن نەچچە مىڭلىغان سېسىق ،سەت ھەم مەينەت سۈۋەرەكلەر بىلەن تەڭ قوشۇلۇپ كۆمۈلگەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە بۇ سېسىقلارئۇنىڭ بەدىنىنىڭ ھەممە يېرىدە مېڭىپ ھەم ئۇنى چىشلاپ ئۇنى بالا تۇغقاندىنمۇ بەك قىينىغان.

       بىردەمدىن كىيىن خوپكىنىس ياتقان ساندۇقنى ئەسلى كۆمگەن يەردىن ئالماستىن بەلكى خۇددى سېھىرگەرلەردەك تاغ جىلغىسى ئىچىدىن ئالغان . ساندۇقنىڭ تېشىدىن
ھەممە نەرسىنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدىغان بولغاچقا ، خوپكىنىسنىڭ قانداق ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى كىشىلەرمۇ ئېنىق كۆرگەن .

          10مىنۇت توشۇپ خوپكىنىس ساندۇقنىڭ ئىچىدىن ئازاد قىلىنغاندىن كىيىن كىشىلەرنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ قورقىنىدىن ھوشىدىن كېتەي دەپ قالغىنىنى چاندۇرماسلىق ئۈچۈن يالغاندىن سالماق قىياپەتتە ئۈستى -بېشىدىكى سۈۋەرەكنى ئاستا-ئاستاچۈشۈردى، ئاندىن :«بۇ مېنىڭ تۇغۇلغاندىن بۇيان باشتىن ئۆتكۈزگەن ئەڭ قورقۇنۇچلۇق كەچۈرمىش بولدى. ئۇلار سەم سېسىق ھەم مېنى توختىماي چىشلىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بەدىنىمنىڭ ھەممە يېرىدە مېڭىپ مېنى تېخىمۇ بىئارام قىلدى. بۇ قېتىملىق مۇسابىقە ئارقىلىق مەن دوزاخ كەبى تۇرمۇشنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتىم »دېدى.


 

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博