ئالتۇنبېلىقلار ئىچىدىكى سىز كۆرمىگەن بۇرۇتلۇق «گىتلېر»

2172012-04-20 11:36:07   نۇر تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

 

    ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 4- ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى خەۋىرى : ناتسىست ھۆكۈمران گىتلېرنىڭ بۇرۇتى ئۇنىڭ ئىنسانلار تارىخىدا قالدۇرغان سەلبىي ئوبرازىنىڭ تىپىك بەلگىسى ھېسابلىنىدۇ . كىشىلەر گېتلىر بۇ ھەجۋىي ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ ، ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئۆي ۋە مۈشۈكنى تېپىپ چىققانىدى . يېقىندا كىشىلەر يەنە بىر «گىتلېر» بېلىقنى بايقىغان . بۇ ئاجايىپ مۆجىزە نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغانىدى.
   ئەنگلىيىنىڭ بېلفاست شەھىرىدە دېلبورا كورېين ئىسىملىك بىر كىشى باققان بۇ ئالتۇن بېلىقنىڭ ئىسمى جورجى بولۇپ ، بۇ يىل بەش ياشقا كىرگەنىكەن . جورجىنىڭ ئاغزىنىڭ ئۈستۈنكى تەرىپىدە قاپقارا بۇرۇتى بار بولۇپ ، بېلىقلارنىڭ گىتلېرى دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن . مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېنىقلىشىچە ، بۇ  بېلىقنىڭ بۇرۇتى ئۇنىڭ بەدىنىدىكى ياللۇغقا قارشى شەكىللەنگەن ئالاھىدە رەڭ ئېلېمېنتى ئىكەن . بۇ بۇرۇت مەڭگۈ مۇشۇنداق تۇرۇشى ياكى مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن يوقاپ كېتىشىمۇ مۇمكىن ئىكەن .