يىگىت قورال بىلەن ساقچىنى بۇلاپ ئۆلتۈرۈشنى بىۋاستە قويۇپ دوستلىرىنى كۆرۈشكە تەكلىپ قىلدى

763 2012-04-11 10:54:45   news.163.com   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
 
 
ئەنگلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى››نىڭ 4-ئاينىڭ 3-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا،ئەنگلىيىلىك يىگىت گرېك سىۋېر ئالدىنقى كۈنى يۈز گىرىمى تور بىتىدە ئۇچۇر ئېلان قىلىپ 400 نەپەر دوستىنى ئۆيى ئالدىدا ساقچىنى بۇلاپ ئۆلتۈرگەن ئەمەلىي ئەھۋالنىڭ بىۋاستە تارقىتىلىشىنى كۆرۈشكە تەكلىپ قىلغان.ئارقىدىنلا ساقچى تەرەپ مۇھاسىرىگە ئىلىپ ئىككى تەرەپ سەككىز سائەت تىركىشىپ سىۋېر قولغا ئىلىنىپ ئىككى يىللىق تۈرمىگە تاشلانغان.
سىۋېر بۇ يىل 35 ياش،ئەنگلىيە جەنۇبىي ۋاقىتتىكى چې پىس تودا ئولتۇراقلاشقان.ھەرىكەتلىنىشىدىن ئىلگىرى،سىۋېر يۈز گىرىمى تور بىتىدە ئۇچۇر ئېلان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:مەن سىلەرگە ساقچىنى بۇلاپ ئۆلتۈرۈشنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى بىۋاستە تارقىتىپ كۆرسىتىشنى بىلىمەن.سىلەر بەلكىم مىنىڭ قانداق قىلغىنىمنى كۆرۈشنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتۈۋاتىسىلەر.
بىر قانچە مىنۇتتىن كېيىن،سىۋېر باش بەتنى يېڭىلاپ مۇنداق دەيدۇ:مەن گرانات نى مەلۇم بىر ئورۇنغا ئاتتىم.مېنىڭچە جەزمەن ئاپتوموبىل ئىچىدە.
سىۋېر نىڭ ئانىسى ئوغلىنىڭ ھەرىكىتىدىكى بى نورماللىقنى بايقاپ ساقچىغا دېلو مەلۇم قىلىدۇ.تۆت نەپەر ساقچى دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن سىۋېر نىڭ تۇرالغۇسىغا تېزدىن يىتىپ كېلىپ سىۋېر نىڭ دېرىزە سىرتىغا قاراپ تاپانچىنى ئۇلارغا قارىتىپ تۇرغانلىقىنى بايقايدۇ.شۇ چاغدا ئۇ يۇقىرى ئاۋازدا ۋارقىراپ ناھايىتى جىددىيلىشىدۇ.ھەمدە خىزمەتچىسىنى كېلىپ ياردەم قىلىشقا چاقىرىدۇ.ساقچى داۋېي ئىلياس مۇنداق دەيدۇ:ئارقىدىنلا ئوق ئۆتمەس چاپان كىيگەن مۇتەخەسسىس نەق مەيدانغا يىتىپ كېلىپ سىۋېر بىلەن سۆھبەتلىشىپ بىراق مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا ساقچى تەرەپ زورلۇق بىلەن ئىشىكنى بۇزۇپ كىرىپ،سىۋېر نى بويسۇندۇرۇپ،ئۇنىڭ قولىدا تۇتۇۋالغان قورالنىڭ يالغانلىقىنى بايقىدى.
ۋەقەدىن كېيىن،سىۋېر سوتتا جىنايىتىنى ئىقرار قىلىپ،خالىغانچە جېدەل چىقىرىپ ۋە يالغان قورال بىلەن ساقچى تەرەپنى ئالدىغانلىقىنى ئۈستىگە ئالدى.ئۇنىڭ ئادۋۇكات كار ۋىليام مىستىن چۇۋ مۇنداق دېدى:سىۋېر پىسخىكا كېسىلى بولۇپ قالغان.ئۇنىڭ غالجىرلاشقان ھەرىكىتىدىن قۇتقۇزۇش تەلەپ قىلغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
بىراق سودىيە ۋىليام مىستىن چوتنىڭ بايانىغا قوشۇلماي مۇنداق دەيدۇ:بۇ تۈپتىن باھانە،ساقچى شۇ چاغدا سىۋېر بىلەن بولغان ئارىلىقى ناھايىتى يېقىن.ھەتتا ئۇنىڭ تەپكىنى ھەرىكەتلەندۈرۈش قول بارمىقىنى ئېنىق كۆرەلەيدۇ.ئەگەر سىۋېر نىڭ قولىدىكى راس قورال بولسا،ساقىچى ئاللىقاچان ھاياتىدىن ئايرىلغان بولاتتى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博